0:00 / 0:00
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخنى « قارا كۈن» دەپ ئاتاپ، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.
بۈگۈن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 63 يىللىق مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قەتئىي تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ۋانكوۋېردە ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.