ۋاپادارلىق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

ۋاپادارلىق دېگەن سۆز قولاقلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، قەلبلەرگە تولىمۇ يېقىملىق بىر سۆز. ھەركىمنىڭ كۆڭلىدىكى ۋاپادار كىشىلەرگە بولغان ھۆرمەت - ئىھتىرام، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىشلىرىدىكى خاتىرجەملىك، ئىشەنچ ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

0:00 / 0:00

چۈنكى ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىكنىڭ كاپالىتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :" مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە رىئا قىلغۇچىلاردۇر" دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان بەلگىلىگەن شەرتلىرىگە، قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئادەمدۇر! ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئەھدىنى بۇزۇش مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بىر ئادەمدە كامىل مۇسۇلمانلىق بىلەن مۇناپىقلىق ھەرگىز بىرلەشمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھدىسىنى بۇزىدىغان، ۋەدىسىگە تۇرمايدىغانلارنىڭ ئىمانى كامىل ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ:" ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەمدە دىيانەت يوق"دېگەن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەھۋالى ئىسلامنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئەمەل قىلمىغىچە تۈزەلمەيدۇ. ئىسلام بىر پۈتۈن ھايات نىزامى بولۇپ، ئۇ پارچىلانمايدۇ."

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن بۇھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ۋاپادارلىقنىڭ مۇھىم بولغان تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" زامانىمىزدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋاپاسىزلىقنىڭ بىرى قەرز مۇئامىلىسىدە ۋاپاسىزلىق قىلىشتۇر. بىراۋغا ھاجىتى چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن بىر يۈئەن چاغلىق قەرز ئېلىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدىغان، ئەۋرىشىمدەك تولغۇنۇپ يۈرۈپ، قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن نەچچە قېتىم تازىم قىلىپ، ئۆزىنى يالغاندىن ۋاپادار كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاجىتىنى راۋا قىلىۋالغاندىن كېيىن، تەتۈر قارىۋالىدىغان، قەرزنى سورىسا يالغان ۋەدىلىرى ۋە يوق ئۆزۈرلىرى بىلەن قەرز ئىگىسىنى قايىل قىلىپ، قەرزنى ئارقىغا سۆرەيدىغان، نامەردلەرنى ھەر جايدا كۆرىۋاتىمىز. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان "قىل"، قىلما" دېگەن ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى خالىسا ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن، خالىسا تەۋبىسىز كەچۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تولىمۇ كەچۈرۈمچان ۋە بەندىلىرىگە مېھرىبان زاتتۇر. ئەمما قۇل ھەققى يەنى ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى، مال - مۈلكىنى يەۋېلىشى ۋە ھەر قانداق بىر زىيانغا ئۇچرىتىشى قاتارلىق گۇناھلىرىدىن ئاللاھ تائالا ئۆتمەيدۇ. پەقەت ھەق ئىگىسى رازى بولغاندىلا، ئاندىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدۇ. شېھىدلارنىڭ سوراق - سوئالسىز ھالدا، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت. ئەمما بىراۋنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن شېھىد جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۆلىمالار سۆزلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :" شېھىدنىڭ قەرزدىن باشقا پۈتۈن گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ" دېگەن ھەدىسى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى قەرز ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە توسقۇن بولىدۇ. شۇڭا ئاۋۋالقى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار بىراۋغا قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى. قەرز دېگەننى پەقەت چارە قالمىغاندا، ئۇنىڭسىز ھەل قىلىشقا ئىمكانىيەت قەتئىي قالمىغان يامان شارائىتقا مۇپتىلا بولۇپ قالغان ۋاقىتتىلا ئالىدىغان نەرسە. قەرزدار بولۇپ قېلىش خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئاۋارىچىلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا ھەمىشە:" ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، بىراۋغا قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن" دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" كىمكى قايتۇرماسلىق نىيىتى بىلەن بىراۋدىن قەرز ئېلىپ، شۇ قەرز بىلەن ئۆلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئوغرى بولۇپ كېلىدۇ"دېگەن."

سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇش

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ۋاپادارلىقنىڭ يەنە بىر تۈرى ھەققىدە توزتىلىپ مۇنداق دىدى:"مەيلى چوڭ، مەيلى ئاددى قانداقلا بىر ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىڭ شۇ ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ئېيتىش ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: 'سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار، نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىقىڭلارنى ئىسپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۈكۈرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ياقتۇرغۇچىدۇر.' پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: 'بىراۋ تەرىپىدىن ئاتا ئېھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۈكۈر قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرغان ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان بولىدۇ.'"

ۋاپادارلىقنىڭ دائىرىسى كەڭ

دېمەك، ۋاپادارلىق دېگەن ماۋزۇ ئىنتايىن چوڭ ماۋزۇ بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىش، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن ئىزدىشىپ تۇريش، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، پەرزەنتلەرنى ياخشى بېقىش، جورىسىغا سادىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.