ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار ئاقساراي ئالدىدا نامايىش قىلدى

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا تەشۋىقات كۈرىشى كەسكىنلەشمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ بىر توپىلاڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ۋە ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى ھازىرلاشقا تىرىشسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتايدىكى 60 يىللىق مىللىي سىياسەتنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى، ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئاقساراينى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا ۋە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى. بۇ قېتىمقى نامايىش ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ‏ - خىتاي دىئالوگى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار داۋاسىنىڭ ھەقىقەت داۋاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقىشىنىڭ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى نامايىشقا، ۋاشىنگتون ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابلىمىت تىلەك ئەپەندى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. نامايىشتا يەنە، 1985 - يىلدىكى 12 - دىكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى ۋەقەلەردىن پەرقى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا، ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى تەشۋىقات كۈرىشىدە خىتاي تەرەپنىڭ ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.