ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش

2011-يىلى 2-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ۋەكىللەر بىردەك ھالدا شوئار توۋلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.

ھازىر سىلەرگە نامايىش نەق مەيدانىدىن ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر مەلۇمات بېرىدۇ.