0:00 / 0:00
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار بۈگۈنمۇ يىلدىكىگە ئوخشاش مەخسۇس خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، شۇنداقلا ۋەتىنىنى بېسىۋالغان 63 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن زوراۋانلىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش ۋە ھەقسىز سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىز خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.