دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 1933 - يىلى 12 - نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى، دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە يىللاردىن بۇيان خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بۇ كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردى.
بولۇپمۇ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى تۇنجى پروگراممىسى بىلەن تەبرىكلىگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى تەسىرلىك نۇتقى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆرسىتىپ، مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنى ھاياجانغا سالدى.
پائالىيەتكە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، ۋىرگىنىيە، مارىلاند، نيۇ-يورك ۋە نيۇجېرسىي شىتاتلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تۇرۇپ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىغان مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى، كۆز ياشلىرى ئاقتۇردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكلات بېرىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى ئاستىدا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە ئەجدادلىرىنىڭ ئىزدا مېڭىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئىزچىل خاتىرىلەشنى، "غۇلجا ۋەقەسى" ۋە "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئوخشاش، خەلقىنىڭ قېنى تۆكۈلگەن كۈنلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
پائالىيەت داۋامىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندىلەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
پائالىيەتكە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، ۋىرگىنىيە، مارىلاند ۋە نيۇجېرسىي شىتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.