ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

13 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ھەمدە قەشقەردە بەش ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت بىردە باشلاندى. نامايىشقا ۋاشىنگتون كولومبىيە رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان شتات ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاممىسى قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلدى.

قادىر خانىم : "بۈگۈن بىز ئۇيغۇرنى قىرىپ تۈگىتىمەن دېگەن خىتايغا مەۋجۇتلۇقىمىزنى بىلدۈرگىلى كەلدۇق"

رابىيە قادىر خانىم نامايىشنىڭ بېشىدا سوز قىلىپ، بۇ نۆۋەت قەشقەردە بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا، نامايىشقا قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۈگۈنكى نامايىش ئارقىلىق، ئاشۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ماتەم تۇتقىلى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: "بۈگۈن بىز ئۇيغۇرنى قىرىپ تۈگىتىمەن دېگەن خىتايغا مەۋجۇتلۇقىمىزنى بىلدۈرگىلى كەلدۇق" دېدى.

بۈگۈنى نامايىشتا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر تەرەپ بولسا، نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ئاساسەن قارا كىيىنگەنلىكى بولۇپ، نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن ئاساسلىق مەقسەت ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ھەمدە قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەش نەپەر ياشقا ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن ئىكەن.

قادىر خانىم: " خىتاي ھەرگىزمۇ بىزنى قىرىپ تۈگىتەلمەيدۇ"

يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغاندىن كىيىن، نامايىش ئىككىنچى قەدەمدە ۋاشىنگتون كوچىلىرىغا يۆتكەلدى ھەمدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات ئايلانما Dupont Circle يەنى دۇپان ئايلانمىسىدىكى كىچىك باغچىغا ئېلىپ كېلىندى. نامايىشچىلار قوشۇنى دۇپان سىركولدا ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق شۇئارلىرىنى توۋلاشنى داۋاملاشتۇردى.

دۇپان ئايلانمىسىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە بۇ نۆۋەتلىك نامايىش ھەققىدە توختالدى ۋە: " خىتاي ھەرگىزمۇ بىزنى قىرىپ تۈگىتەلمەيدۇ" دېدى. خانىمنىڭ بايانلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

نامايىشقا زور تۈركۈمدە ياشلار قاتناشقان

كوچىدىكى نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلار داۋاملىق خىتاي ئولىمپىكىگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، ئاساسلىقى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىغا، ھەمدە قەشقەردە ئوچۇق سوت ئېچىپ بەش نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق ئاۋازلىرىنى ياڭراتتى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا ئامېرىكىدا ئۇزۇندىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ياشنىغان ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، زور تۈركۈمدە ياشلار ۋە بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشقان.

بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپ، بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالاتتى. رابىيە قادىر خانىم بۇ ياشلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقىدى.

نامايىشقا بۇ ياشلارمۇ پۈتۈنلەي قارا كىيىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا قاتنىشىش مەقسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.

نامايىشچى ياشلار خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىغا تۇخۇم بىلەن ھۇجۇم قىلدى

نامايىش دۇپان سىركۇل ئايلانمىسىدىكى باغچىسىدا بىر مەھەل داۋاملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

گەرچە نامايىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان ساقچى خادىملار ئۇيغۇر ياشلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، غەزىپىنى باسالمىغان نامايىشچى ياشلار خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىغا ۋە ئەلچىخانا ئالدىغا ئېسىلغان خىتاي بايرىقىغا تۇخۇم بىلەن ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە خىتاي ئەلچىخانا تاملىرى ئۇيغۇر ياشلىرى ئاتقان تۇخۇم داغلىرىغا بويالدى.

نامايىش ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خۇلاسە سۆزى قىلدى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل شەكىلدە نارازىلىق نامايىشلار ئۇيۇشتۇرغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، پىژغىرىم ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايتتى، ئەمما نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ روھىي ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، نامايىش كەچقۇرۇن سائەت تۆت يېرىملارغىچە داۋام قىلدى.