ۋاشىنگتوندا خىتاي ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

7 - ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون رايونىدا خىتاي ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دە ئامېرىكا پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ئارقا قورۇسىغا توغرا كېلىدىغان لافايت باغچىسىدا باشلاندى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىگە جايلاشقان تىبەت تەشكىلاتى چۈشى گاڭدرۇك تەشكىلاتى ئەزالىرى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تەيۋەن فورموسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتى ئەزالىرى، ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، جۇڭگو دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم:" ئولىمپىك ئۇيغۇرلارغا يىغا - زارە ئېلىپ كەلدى"

بۇ نۆۋەتلىك نامايىشنى ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتلاردىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئولىمپىك ئەسلى خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ۋەدىسى بۇيىچە، خىتاي خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئىشىنىپ ئولىمپىكنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى قوللىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن بىرمۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئولىمپىك ساھىبخانىلىق شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ھەر تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۇچۇن بۇ نامايىشنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى لافايت باغچىسىدىن پىيادە خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېتىپ كەلگۈچە يول بويى خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.

نامايىشقا يەنە خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈملىرىنىڭ رەئىسى ت كۇمار، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خادىمى ئېلىسا بەرمۇدەزلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

بەرمۇدەز خانىم: "بىز ئورگانلارنى خىتايغا ئولىمپىك ساھىبخانىلىق بېرىشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدۇق"

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خادىمى ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ساقلاشنىڭ ئورنىغا ئاخبارات ۋە سۆز ‏ - پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان، ئولىمپىك جەريانىدا خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن مۇخبىرلارنىڭمۇ خىتايغا كىرگۈزۈلمەي توسۇپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:" نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىدىن ھەيران قالغانلىقى بەكمۇ قىزىق ئىش بولدى. بىز بۇ جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى خىتايغا ئولىمپىك ساھىبخانىلىق بېرىشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدۇق. بىز بۇنداق ئىشنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق."

بەرمۇدەز خانىم يەنە، خەلقئارا جامائىتىنىڭ يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى توختاتمىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا يەنىلا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا كەلگۈسىدە يەنە قانداق رەزىللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى نامايىشقا كانادادىن كەلگەن بىر خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى نامايىشقا چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى دۇنيانىڭ قايسى جايىدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوما نوربۇ:"ئولىمپىك ئۇلارغا پۈتۈن يالغانچىلىققا ۋە ئۇلار بەرگەن ساختا ۋەدىلەرگە ئاساسلىنىپ بېرىۋېتىلدى"

بۈگۈنكى نامايىشقا قاتنىشىش ئۇچۇن نيۇ - يورك شەھرىدىن 100 نەپەر تىبەتلىك ئاپتوبۇس بىلەن يېتىپ كەلدى. بۇ نامايىشچىلار 1958 - يىلى تىبەتتە تەشكىللەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قوراللىق قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى چۇشى گاڭدرۇك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، تەشكىلات پرېزىدېنتى دوما نوربۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بۇ تەشكىلات چەتئەللەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن تىنچلىق يولىنى تاللىغان.

دوما نوربۇ:"ئولىمپىك ئۇلارغا پۈتۈن يالغانچىلىققا ۋە ئۇلار بەرگەن ساختا ۋەدىلەرگە ئاساسلىنىپ بېرىۋېتىلدى. دۇنيا ئۇلارغا كۆز تىكتى. بىزمۇ دۇنيانىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ ئۇلارغا دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك" دېدى.

ئۇ يەنە خىتايدىكى مەسىلىلەرنىڭ نېگىزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " خىتايلار خاتا ھالدا بېسىۋالغان تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش كېرەك. شۇندىلا خىتايدىكى مەسىلىلەر ھەل بولغان بولىدۇ."

ئىرىس خۇ خانىم: " خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىقچىلىق"

نامايىشقا تەيۋەن فورموسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بىرلەشمىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر ئۇچۇر - ئالاقە بۆلۈمى باشلىقى ئىرىس خۇ خانىم: "خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىقچىلىقتىن ئىبارەت،" دېدى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قارىتىپ قويغانلىقىنى بۇنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە گەرچە ئولىمپىك روھى ئىناقلىقتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئولىمپىك روھىغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى، ھەتتا ئۆز خىتاي خەلقىنىمۇ باستۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە تەيۋەننىمۇ بېسىۋالماقچى بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك."

نامايىشتا يەنە، خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەش كۈندىن بۇيان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن چەخى چو قىزچاقمۇ بار.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتايدىن بىر نەچچە قېتىم شىمالىي كورىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن، ئاخىرىدا ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىۋالغان بولۇپ، چىخې چو قىزچاق خىتايدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆزى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغۇچە كېچە - كۈندۈز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يېتىپ ئاڭلىتىش، ئۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا بەل باغلىغان.