ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.01
2010.10.01
RFA Photo / Irade
نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ۋاشىنگتون ئەتراپى ۋە باشقا شىتاتلاردىن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولسا نامايىشقا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇش ۋە باشقا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى بولدى. بىز نامايىشتىكى بۇ ياشلارنىڭ يۈرەك سادالىرىنىمۇ ھەم ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.