ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى 5" ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلغان، دەپ قولغا ئالغان 21 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتايغا قارشى بىر قاتار نامايىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە د ئۇ ق تەشكىللىگەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان 20 - ئۆكتەبىر، يەنى سەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ نامايىش، يېقىندىن بېرى غەرب ئەللىرىدە خىتايغا قارشى قوزغالغان بىر قاتار نامايىشلارنىڭ بىر قىسىمىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.