تۇنجى نۆۋەتلىك 'بون خەلقئارا دېموكراتىيە مۇكاپاتى' غا ئېرىشكۈچى شەخس - ۋاسلاۋ خاۋېل
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.04.28
2009.04.28
مۇكاپات سوممىسىنى "گېرمانىيە دولقۇنلىرى" رادىئوسىنىڭ مەسۇلى ھەمدە "بون خەلقارا دېموكراتىيە مۇكاپاتى" جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئېرك بېتتېرمان ئەپەندى تارقاتقان. مۇراسىمغا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى شىتايىن مايېر ئەپەندى باشچىلىقىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن سىرت، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى ھەم كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر قاتناشقان.
گېرمانىيىدە يولغا قويۇلغان "بون خەلقارا دېموكراتىيە مۇكاپاتى" -- دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پىداكار كىشىلەرنى نىشان قىلغان. ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزدېنتى بولۇشتىن ئىلگىرى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە بارلىقىنى بۇ يولغا ئاتىغان. ئۇ مۇكاپات سوممىسى ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە شار ئويۇلغان ئەينەك نەقىشلىق سوۋغىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى "مەن بۇ مۇكاپاتنىڭ تۇنجى نامزاتى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن" دەپ، ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇكاپاتنى تارقاتقان ئېرك بېتتېرمان ئەپەندى بولسا "سۆيۈملۈك خاۋېل ئەپەندىم، سىز ئەزەلدىن غەربنىڭ ئاساسى قىممەت قارىشى، دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلمىدىڭىز" دېگەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى پرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى يازغۇچى بولۇپ، تەدرىجى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە يولىدا كۈرەش قىلغۇچى جەڭچىگە ۋە ئاخىرىدا مەشھۇر بىر سىياسىيونغا ئايلانغان. گېرمانىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانس ئەپەندى ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ "خاۋېل بولمىغان بولسا، خاۋېلنىڭ سۆزى بولمىغان بولسا، خاۋېلنىڭ جاسارىتى بولمىغان بولسا، تېنىچ بىرلىككە كەلگەن ئەركىن گېرمانىيە بولمىغان بولاتتى" دېگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى "77 ماددىلىق ئاساسى قانۇن " ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلىشقا قاتناشقان. ئۇ مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ، ئەركىن، دېموكراتىك چېخىسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پۈتكۈل ياۋروپادا تىنچلىق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىپ، تىنچلىق كۈرىشىنىڭ ئىجاتكارى ۋە بايراقدارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ نېگىزى: "مەسىلىلەرنى جىدەل - ماجراسىز ھەل قىلىش. دىئالوگنى قورال قىلىش. دۈشمەنلىرى بىلەن سۆھبەت قۇرۇش. ھەممە ئىشتا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسى پىرىنسىپ قىلىش .. " قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ئىككى گېرمانىيىنىڭ تېنچ بىرلىشىشىگە ۋە سابىق چېخسلوۋاكىيىنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق چېخ ۋە سىلوۋاكىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان. گېرمانىيىنىڭ ئاساسى قانۇنى خاۋېل ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان. ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ، ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە تايانغان.
ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندىم "77 ماددىلىق ئاساسى قانۇن" نى 1977 - يىلى يازغان بولۇپ، بۇ چاقىرىقتىكى "ھەر بىر پۇخرا دەخلى - تەرۈزسىز ئەركىن ياشىشى ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇشى كېرەك" دېگەن تەشەببۇسى ئەينى چاغدا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ 1989 - يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىگە پرېزىدېنت بولۇپ 10 يىل خىزمەت ئۆتىگەن. بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندىم ياۋروپادا دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان.
خىتاي زىيالىيلىرى ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان "8 ماددىلىق ئاساسى قانۇن" نىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندىم يازغان "77 ماددىلىق ئاساسى قانۇن "ئى دىن ئىبارەت بولۇپ، ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندىم خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بۇ "8 ماددىلىق ئاساسى قانۇن" نى قوللىغان. ئەمما خىتاي دۆلىتى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا ئىجابىي مۇئامىلە قىلمىغان. ۋەتىنىمىزدىكى قۇربان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەردىن ئۇلار مەلۇماتسىز ئىكەن.
بۇ يىل 3 - ئايدا، خاۋېل ئەپەندى چېخ جۇمھۇرىيىتىدە "8 ماددىلىق ئاساسى قانۇن" نى يازغان خىتاي زىيالىيلىرىدىن ئىككىسىگە مۇكاپات ئېلان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بارلىق بېسىملارغا خاتىمە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويسۇشنى، "77 ماددىلىق ئاساسى قانۇن " نى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.