خىتايدىكى كاتولىك مۇرىتلىرى يىغىنى سەۋەبلىك ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلەشتى

ۋاتىكان 23 - نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېبېينىڭ چېڭدې رايونىغا گو جىنسەينى ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز پوپ قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ۋاتىكاننىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى بېسىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتايدا بۈگۈن 8 - نۆۋەتلىك كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. بۇ سەۋەبلىك ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىمۇ جىددىيلەشتى.

0:00 / 0:00

كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ئاسىيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز 7 - دېكابىر بېيجىڭدا 8-نۆۋەتلىك كاتولىك مۇرىتلىرى ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىغىن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە خىتايدىكى ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھەم خىتاي كاتولىك جەمئىيىتى رەئىسى سايلاپ چىقىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2007 - يىلى 20 - ئاپرېل، خىتاي ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە خىتاي كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۆ تېشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئورۇن تاكى ھازىرغىچە بوش تۇرغان ئىكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋاتىكاننىڭ تەستىقسىز گو جىنسەينىڭ پوپ قىلىپ تەيىنلىنىشى ھەم خىتايدا كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا نىسبەتەن ۋاتىكان نارازىلىق باياناتى بەرگەن.

خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتى 20 - نويابىر ۋاتىكاننىڭ تەستىقسىز گو جىنسەي ئىسىملىك كاتولىك ئۆلىماسىنى خېبېينىڭ چېڭدې رايونىغا پوپ قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنداقلا ۋاتىكاننىڭ نارازىلىقىغا قارىماي شۇ رايوندىكى كاتولىك ئۆلىمالىرىدىن مۇراسىمغا مەجبۇرى قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، شەنبە كۈنى مۇراسىمنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ۋاتىكان باياناتچىسى سۆزىدە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاتىكاننىڭ تەستىقسىز ئۆز ئالدىغا پوپ بېكىتىشى كاتولىك دىنىي ئۆلىمالىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا زورلىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك. " دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

ۋاتىكاننىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە قارىتا خىتاي باياناتچىسى خوڭ لېي نارازىلىق باياناتى بېرىپ، "خىتايدا كاتولىك دىنىي نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتتى، خىتاي كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ ئەلۋەتتە ئۆز ئالدىغا پوپ تەيىنلەش ھوقۇقى بار، بۇ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئىپادىسى." دەپ، ۋاتىكاننى ئەيىبلىگەن.

كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ئاسىيا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ۋاتىكاننىڭ تەستىقسىز بېكىتىلگەن پوپنى بۇ قېتىمقى كاتولىك جەمئىيىتى يىغىنىغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان كاتولىك مۇرىتلىرىغا ئۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. شۇنداقلا يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان دىنىي ئۆلىمالارغا نىسبەتەن مەجبۇرلاش ھەتتا نەزەربەند قىلىش تەدبىرلىرىنىمۇ قوللانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن سەنشى ئۆلكىسى سەنيۈەن رايونلۇق كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ پوپى چېن مو ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى، مەزكۇر قۇرۇلتايغا نىسبەتەن ۋاتىكاننىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبلىرى ۋە خىتايدىكى كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنىڭمۇ ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: " ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرىنى ۋاتىكاندىن ئايرىۋېتىش. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دىنىي جەمئىيەت قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىنىي يوسۇنلارغا خىلاپ قىلمىش. "

چېن مۇ يەنە مۇنداق دېگەن:" شەخسى قارىشىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلات دېگەنلىكنىڭ ئۆزى كاتولىك دىنىي ئۈچۈن بىز ھاقارەت. چۈنكى دىنغا ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنى قوشۇلغاندىن كېيىن، دىنىي مۇرىتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىشى چەكلىنىپ، نۇرغۇنلىغان دىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا زەرەر يەتكۈزۈلمەكتە."

چېن مو سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلاۋاتقان بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قەيەردە كىملەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان 8-نۆۋەتلىك كاتولىك مۇرىتلىرى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى خوڭكوڭدىكى كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خوڭكوڭدىكى كاتولىك تىنچلىق جەمئىيىتىنىڭ 8 نەپەر ئەزاسى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا بېرىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم خىتايدا ئېچىلغان كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

د ئو ق باياناتچىسى دىلشات رىشتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا ئارىلىشىشى خىتايدا ئومۇمىي يۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

دىلشات رىشتىنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاي ئۆز تەشۋىقاتىدا "پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويدۇق" دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما، دىنىي ئىشلارنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى، دىنىي زاتلارغا قارىتا دىنىي ئېتىقادتا ئالدى بىلەن "ۋەتەنپەرۋەر" بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتايدىكى دىنغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئۈزلۈكسىز چەكلىمە قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.