قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە:" ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە )ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر"دەپ كەلگەن.
ئادەمنىڭ گېپىدە تۇرۇشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچلىك، گېپىدىن يېنىۋالمايدۇ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلىمايدۇ، دەپ تونۇلۇشى ئۇنىڭ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىنىڭ نىشانىسىدۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەمدە ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ بىرى ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولىشى، يەنە بىرى ئىرادىنىڭ چىڭ بولۇشىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
سەگەك مېڭە بىلەن مەھكەم ئىرادە ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئامىلى
ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دىدى: "مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى " مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان "ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولىشى بىلەن ئىرادىنىڭ سۇس بولىشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش يولىدىكى ئىككى چوڭ توسالغۇدۇر. ئىنساننىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولىشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن! ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەل ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر - قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولىشى مۇمكىن. ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ."
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەستە تۇتۇشمۇ ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر
ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇشىمۇ ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن: ئىلگىرى نامرات بولۇپ ھازىر ئاللاھ بايلىق بەرگەن بولسا، ئىلگىرى كېسەلچان بولۇپ، ھازىر ساقلىققا ئېرىشكەن بولسا، خۇددى ھېچقاچان نامرات بولمىغاندەك، ئاغرىپ يېتىپ باقمىغاندەك مەغرۇرلىنىشى، نامراتلارنىڭ ۋە كېسەلچانلارنىڭ ھالىغا يەتمەستىن ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشىشى تولىمۇ قوپاللىق ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇقتۇر.
پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋاپادار بولۇش لازىم
، ۋاپادارلىق ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى ۋە رەڭگىدىن قەتئىينەزەر ئومۇم بولۇشى لازىم. چۈنكى پەزىلەت دېگەن پارچىلانمايدىغان بىر پۈتۈن نەرسە، ئادەمنىڭ بەزى كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇپ، يەنە بەزى كىشىلەرگە رەزىل ۋە سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇشى توغرا ئەمەس. قىلىنغان ۋەدە، تۈزۈلگەن كېلىشىم قانداقلا كىشى بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭغا رىئا قىلىش شەرتتۇر.
ھەقىقىي دىيانەتلىك توغرا ئادەم ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بەلكى ھەممىگە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ياخشلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان ياخشىلىقتۇر. شۇنداقلا يامانلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان يامانلىقتۇر. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئوخشاشلا ھۆرمەتكە ئىگىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلىش، ياكى مۇسۇلمانلارغا سىلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قوپال بولۇش توغرا ئەمەس.
ۋاپادارلىقنىڭ دائىرىسى كەڭ
ۋاپادارلىق دېگەن ماۋزۇ ئىنتايىن چوڭ ماۋزۇ بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىش، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن ئىزدىشىپ تۇرۇش، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، پەرزەنتلەرنى ياخشى بېقىش، جورىسىغا سادىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.