خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شۋېتسىيە زىيارىتى داۋامىدا شۋېتسىيە پادىشاھى كارىل گوستاۋ16، باش ۋەزىر فرېدرىك رېىينفېلت، پارلامېنت باشلىقى پېر ۋېستېربېرىيلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، ۋولۋو ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە مۇھىت مەسىلىسى بويىچە ستوكھولىمدا ئېچىلىدىغان خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
گەرچە شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ۋېن جياباۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى داۋامىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇلاھىزىچىلەر بۇ خىل تىلغا ئېلىشنىڭ تەنقىدلەش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دېموكراتچىلىرى، تىبەت ھەرىكىتى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى باش ۋەزىر ئىشخانىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچرىشىش مەزگىلىدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە تۈرمىلەردە خورلىنىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدىن ئابدۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھۆكۈمەتكە يازغان خېتىگە جاۋابەن ئىجابىي خەت تاپشۇرۇپ ئالغان.
ۋېن جياباۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان.