ماقالە بىر يىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن پاكىتلارنىڭ خىتاي ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭلېي بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ روناق تېپىشى ۋە گۈللىنىشىنى خالىمايدىغان بىر ئوچۇم تاشقى كۈچلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارا چاپلاش ۋە ئۇلارنىڭ يۈز ئابرۇيىنى يەرگە ئۇرۇش غەرىزىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنى ئاقلىغان. ئۇ يەنە قاتتىق تەلەپپۇزدا «سىلەرنىڭ يامان نىيىتىڭلار ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن. ئەمما ئۇ ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ زادى قانچىلىك مال-مۈلكى بارلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ خىتايدىكى مەشھۇر ئادۋوكاتلارنى ياللىۋېلىپ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، چەتئەل ئوبزورچىلىرى ۋېن ئائىلىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەخمىقانىلىك دېيىشمەكتە.
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چىقىدىغان مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراش كۆپرەك تەكىتلەنگەن بولۇپ بۇنىڭ سەۋەبى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەربنى ئىزچىل ھالدا خىتايغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ ياكى خىتاينى رۇسىيىدەك تىنچ ئۆزگەرتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ دەيدىغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
«خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر باش ماقالىدە، ۋېن جياباۋنىڭ 4-نويابىر كۈنى لائوستا ئېچىلىدىغان ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، 8-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مانا مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە غەرب كۈچلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يەنە «خەلق گېزىتى» دە ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىشەنچسىز بىر گېزىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ ئەمما بۇ گېزىتنىڭ زادى قانداق قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاكىت كۆرسەتمىگەن، شۇنداقلا، بۇ ئوبزور ئەتىسى كۈنى تارقىتىلىدىغان چەتئەل تىلىدىكى نۇسخىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئېلان قىلغان بۇ ماقالە خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىشى، پارتىيە ئىچىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ب ب س قاتارلىق تەسىرى يۇقىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتايچە «يېڭى تاڭلىقلار» تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا، بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىدىنلا سىياسىي ئويۇنلار كەسكىن تۈس ئالغان خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ «قىزىل تېررور» دەۋرىگە كىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي مەسىلىسى ئانالىزچىسى مات نائىزدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ «نيۇ-يورك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
ئۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: «2001-يىلىدىن كېيىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتايغا ھېچ كىرەلمىگەن. چەتئەل تور بەتلىرىمۇ خىتايدا تاقىۋېتىلگەن ئىدى. 2001-يىلى 7-ئايدا 'نيۇ-يورك ۋاقتى' گېزىتى فالۇنگوڭچىلارنىڭ خىتايدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك 29 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە ‹نېۋ يورك ۋاقتى› گېزىتى خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارىتا ئەڭ ئاكتىپ ماقالە ئېلان قىلغان گېزىتلەر ھېسابلىناتتى. شۇ يىلى 8-ئايدا بۇ گېزىت خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ تور بېتى خىتايغا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن. ئەمما شۇندىن كېيىن ‹نيۇ-يورك گېزىتى› دە فالۇنگوڭ ھەققىدە بېرىلىدىغان خەۋەرلەر ئازلاپ ئاران 4 پارچىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇندىن باشقا بۇ گېزىت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەققىدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدىغان بولغان. دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى 'نيۇ-يورك ۋاقتى' گېزىتى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ۋېن جاباۋنىڭ مال- مۈلكى ھەققىدىكى پاكىتلىق ئۇچۇرلارنى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن.»
خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن جايسېن ما مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنى «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ مەھسۇلى، بىز تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىزدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىنىڭ نەقەدەر كەسكىن ۋە نەقەدەر رەھىمسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز» دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«25-ئۆكتەبىر كۈنى يەنى ‹نيۇ-يورك ۋاقتى› گېزىتىدە ئۇ ماقالە ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن خۇ جىنتاۋ ھەربىي قىسىمدىكى گېنېراللاردىن 4 كىشىنى بىراقلا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.26-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەندە بو شىلەي خەلق قۇرۇلتىيىدىن چىقىرىۋېتىلدى بۇنىڭ بىلەن بو شىلەينى قولغا ئېلىشقا يول ئېچىلدى. دەل شۇ كۈنى 'نيۇ-يورك ۋاقتى' گېزىتىدە ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە مال-مۈلكىنىڭ 2.7 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىدەك بىر بومبا خەۋەر ئېلان قىلىنىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. دېمەك بۇ ۋەقەلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دەيدىغان سىياسىي ئويۇننى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.»