ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي جەمئىيىتىدە ھەم خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۈگۈن چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خۇ پىڭ ئەپەندى ھەم ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا تورىنىڭ 30 - ئاۋغۇستتىكى سانىدا، ۋېن جياباۋنىڭ شېنجېندىكى زىيارىتى مەزگىلىدىكى تەشەببۇسى ھەققىدە سىياسىي ئانالىز ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ۋېن جياباۋنىڭ " بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىپ، جۈرئەتلىك ھالدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ياكى ئارقىغا چېكىنىش، 30 يىللىق ئىسلاھات مېۋىلىرى ھەم قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇش، خەلق رايىغىمۇ خىلاپ، بۇ ئاخىرىدا ئۆلۈم يولىغا ئېلىپ بارىدۇ،" دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىلگەن.
نۆۋەتتە ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسىغا نىسبەتەن، خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بارلىققا كەلگەن.
ۋېن جياباۋنىڭ تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈمىد بىلەن قارىغۇچىلار ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىدىن شىنلاڭ تور بېتىدە، بېيجىڭدىكى بىر مۇلاھىزىچى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزىگە باھا بېرىپ، "يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدا، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانلار ناھايىتى ئاز بولدى. مۇشۇنداق شارائىتتا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ 'جۇڭگودا سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى توسۇش،خەلق رايىغىمۇ خىلاپ، بۇ (جۇڭگونى) ئۆلۈم يولىغا ئېلىپ بارىدۇ' دېگەن سۆزنى قىلىشى، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىسلاھات تەشەببۇسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ" دېگەن.
خىتاي تىلىدىكى مۇنازىرىلەردە ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسىغا نىسبەتەن گۇمانى قاراشتا بولغۇچىلارمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. "خىتايدىكى ئەڭ ياخشى ئارتىس ۋېن جياباۋ" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شۈ جې "كۆزىتىش" تور بېتىدە ئۆز مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ۋېن جياباۋ شېنجېندا سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ھازىرچە ئۈمىد يوق، چۈنكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردىن ليۇ شىاۋبو قاتارلىقلارنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى، ۋېن جياباۋنىڭ "يالغانچىلىقى"نىڭ پولاتتەك پاكىتى ئەمەسمۇ؟" دېگەن.
"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئاز سانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھازىرچە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
"ۋېن جياباۋ خىتاي سىياسىي بيۇرو ئىچىدىكى 9 كىشىنىڭ پەقەت بىرى. ئۇ يېقىندىن بۇيان سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئىسلاھات تەلىپىگە يېقىن كېلىدىغان بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇدىغانلار، ھەتتا ھاكىممۇتلەق بيۇكراتلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۈچلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇپتۇ. ئىلگىرىكى دېڭ شياۋپىڭ ھەم جياڭ زېمىن دەۋرىدىمۇ، خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭ قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قوللىغۇچىلار ئاز بولغان، ھەتتا ئۇلارغا زەربە بېرىلگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق بولغان ئىكەن، ھازىرقى شارائىتتا خىتايدا سىياسىي جەھەتتىن زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولۇشى، ھەتتا بولماسلىقى مۇمكىن."
تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ھازىرقى شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى، ئەمما خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى ئۈچۈن يەنە ئۇزاق بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزىدە ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن غەرب ئەللىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دېموكراتىيە يولىغا ماڭسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەشەببۇسىغا نىسبەتەن گۇمانى قاراشتا بولغۇچىلار ھەم ۋېن جياباۋنى "خىتايدىكى ئەڭ ياخشى ئارتىس" دېگەن تەنقىدلەرگە قارىتا باشقىچە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋېن جياباۋغا ئوخشاش خەلق رايىغا يېقىن سۆزلەرنى قىلغۇچىلار بەكلا ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. شۇنداقكەن، بەزىلەرنىڭ ئۇنى 'خىتايدىكى ئەڭ ياخشى ئارتىس' دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىشى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتى ئىچىدە پارىخورلۇق، چىرىكلىك، بيۇكراتلىقتا چېكىگە يەتكەن ئەمەلدارلار ساناقسىز. ئەسلى ئەنە شۇنداق بيۇروكرات، ھاكىم مۇتلەق ئەمەلدارلار تەنقىد قىلىنغان بولسا، تېخىمۇ توغرا بولغان بولاتتى. نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى. شۇڭا مېنىڭچە، كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئىچىدە سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يەنىلا ناھايىتى مۇھىم ھەم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.