ئۇيغۇرلار خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش قىلدى

2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، تۈركىيىگە ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى ئىستانبۇل شەھىرىدە نامايىش قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-10-11
Share
Turkiye-Istanbulda-namayish-Wen-jyabaw-Siyit-Tumturk-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

بۇ نامايىشنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىش، ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش، قاراكۆي، ۋە ئاياسوفىيا مۇزېيخانا ئالدى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار ئەتىگەن سەھەردە زەيتىنبۇرنۇغا توپلىنىپ، ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن كونىراد مېھمانخانىسى ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. نامايىشچىلارنى مېڭىشقا رۇخسەت قىلمىغان ساقچىلار، يۇقىرىدىن قاتتىق بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئۈچۈن كونىراد مېھمانخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ گۇرۇپ ‏- گۇرۇپ بولۇپ بۆلۈندى ۋە ئۆزلىرى خالىغانچە تاكسى ۋە كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن ئىستانبۇلنىڭ بەشكىتاش رايونىدىكى كونىراد مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا قاراپ يولغا چىقتى.
Turkiye-Istanbulda-namayish-Wen-jyabaw-Siyit-Tumturk-muxbir-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
 
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بەلگىلەنگەن پروگراممىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن يەنى ئەتىگەن سائەت 7:30 دە مېھمانخانىدىن چىقىپ، ئاياسوفىيا مۇزىيخانىسى، سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.

بىر گۇرۇپ نامايىشچىلار خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن كونىراد مېھمانخانىغا يېقىن قاراكۆي دېگەن يەردە يول ئۈستىدە كۈتۈپ تۇرۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ شۇئار توۋلىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ئولتۇرغان ماشىنا يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ۋېن جياباۋ شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. ۋېن جياباۋ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالدى ۋە ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ باردى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ نامايىشچىلار سەككىز ئۇيغۇردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپ بولۇپ بۇلارنى ساقچىخانىغا ئەتىگەندە قاماپ قويۇپ چۈش ۋاقتى بولغاندا ئىپادىلىرىنى ئېلىپ قويۇپ بەرگەن ۋە ساقچىلار ئۇلارنى، نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورۇندىن باشقا بىر يەردە نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەسچىتى ۋە ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، پۈتكۈل يوللار تاقالغان ۋە ساقچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. نامايىشچىلار ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى ۋە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ شوئارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار بىردەك، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، ھەق ‏- ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆرىيەت، قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! ۋېن جياباۋ تۈركىيىدىن يوقال! دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستان ئازات بولغانغا قەدەر خىتاي ماللىرىنى ئالما!. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاتىل ۋېن جياباۋ دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىۋىسكا ‏- تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان. بۇ يەردىكى نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە گېزىت مۇخبىرلارمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار، ۋېن جياباۋنىڭ رەسىملىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، دەسسەپ غەزەپ ‏- نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە قاتىل ۋېن جياباۋ يوقال، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار، ۋېن جياباۋنىڭ رەسىمى سىزىلغان تاختىنى يەرگە ئۇرۇپ دەسسەپ غەزەپلىرىنى ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈشلەر مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

نامايىش جەريانىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ نامايىش ھەققىدە تۈركىيىنىڭ شۇ كۈندىكى پۈتكۈل تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە چوڭ گېزىتلەردە كەڭ تۈردە يەر بېرىلدى. بىز بۇ نامايىش ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەرنىڭ پىكىر ‏- قاراشلىرىنى ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت