ۋېن جياباۋ شىمالىي كورىيىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىسمىنى ئاتاپ ئەيىبلىمىدى
'خەلقئارا پۇل مۇئامىلە گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ۋېن جياباۋ جەنۇبىي كورىينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ 'چونەن' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتىنى شىمالىي كورىيىنىڭ، سۇ مىناسى بىلەن پارتلىتىپ چۆكۈرىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتنى كۆرگەندىن كېيىن، گەرچە 'ۋەقە پەيدا قىلغان تەرەپكە يان باسمايمىز' دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە پەيدا قىلغان شىمالىي كورىيىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىسمىنى ئاتاپ ئەيىبلىمىدى. ئەمما 'ئىككى تەرەپ ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار'، 'توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك' دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. بەلكى بۇ ئارقىلىق جىددىيلىكنى پەسەيتىش خىيالىدا بولدى.
ياپونىيىگە كەلگەندە، ياپون پادىشاھىغا خۇ جىنتاۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ زىيارىتىنى تۈگەتتى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياپونىيىگە كەلگەندە، ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇكىئو خاتوياما، جەنۇبىي كورىيىنىڭ پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن شىمالىي كورىيىگە قارىتا خەلقئارا قانۇن بۇيىچە جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى جەنۇبىي كورىيىنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە شىمالىي كورىيىنى جازالاش ھەققىدە ئېلىنغان قارارلارغا باشتىن -ئاخىر رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يەنە بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا ھازىرقىدەك جىددىيلىك بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا 'دەخلىسىز ئۇچۇر لىنىيىسى' قۇرۇشنى، شۇنداقلا ھازىرقى ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن ياپونىيە سېرىق دېڭىزدا ھەمكارلىشىپ نېفىت قېزىش ھەققىدە سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھېچقانداق پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولمىغان بۇنداق سۆھبەتتىن كېيىن، ۋېن جياباۋ ياپونىيە پادىشاھىغا خۇ جىنتاۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۇنىڭدىن 'خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تارىختىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان دوستلۇقنى قەدىرلەش'نى تەلەپ قىلىپ زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان.
پېنيوڭدا ئۇيۇشتۇرۇلغان 10 مىڭ كىشىلىك يىغىلىشتا ئۇرۇش قىلىشقا ئىرادە بىلدۈرۈلگەن
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان پەيتتە، شىمالىي كورىيىدە چوڭ يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇرۇش قىلىشقا ئىرادە بىلدۈرۈلگەن. خوڭكوڭ يازغۇچىسى مەي يەنتىڭنىڭ پېنيوڭدىن بايان قىلىشىچە، ھازىر خەلقئارادا جەنۇبىي كورىيىنىڭ 'چونەن' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرە بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ پايتەختى پېنيوڭدىكى كېم ئىرسون مەيدانىدا، كىم يوڭئېل ئۆزى قاتناشمىغان ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشقا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. بۇ يىغىلىشتا 'جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى چۆكۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىش --- كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن پىلانلانغان سۈيىقەست' دەپ جاكارلىغان. شۇنداقلا يەنە 'چاۋشەن خەلقى بۇ سۈيىقەستكە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدۇ' دەپ ئىرادە بىلدۈرۈلگەن.
'شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى بىر قېتىمدىلا توختاپ قالىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس'
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'بۈگۈن' گېزىتىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى ئادېمىرال مايكول مۇللېن ' تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى بىر قېتىمدىلا توختاپ قالىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس، ئۇ يەنە تەكرارلىنىدۇ. بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە ھازىرقىدەك جەنۇبىي كورىيە بىلەن ھەممە ئالاقىنى ئۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ رايوندىكى جىددىيلىك ئاسان پەسەيمەيدۇ' دېدى.
'ئامېرىكا ئوكىناۋاغا ف - 22 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتتى'
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ 'ئەمگەك خەۋەرلىرى' گېزىتى " ئامېرىكا ھازىر جەنۇبىي كورىيىنىڭ 'چونەن' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتى چۆكتۈرۈلگەن ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىغا ف - 22 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتتى، شۇنداقلا يەنە، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ ؛ كورىيە يېرىم ئارىلىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىيلىكنى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە پەيدا قىلدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە جاۋابكار " دەپ جاكارلىغان.
'رۇسىيە ياپون دېڭىزىدا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ'
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە ئۆتكەن جۈمە كۈنىلا ياپون دېڭىزىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ھەربىي مەشىق دەل كورىيە يېرىم ئارىلىدا يۈز بېرىۋاتقان جىدديلىككە قارىتىلغان. جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميوڭباك بولسا ئۆز خەلقىنى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىنىشقا چاقىرغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.