ۋېن جياباۋنىڭ كورىيە زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ھەققىدە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەم شىمالىي كورېيە ھۆكۈمەت خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن باشقا يەنە، نيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ خەۋەر ۋە مۇنازىرىلەر بېرىلمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ شىمالىى كورىيىنى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىگە دەۋەت قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە لېدىرى كىم جۇڭئى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە خەۋەر ئانالىزى بېرىلىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئىنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن 6 دۆلەت سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدى بىلەن، شىمالىي كورېيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىككى تەرەپ يادرو قوراللىرى سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە، شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئىنىڭ "شىمالىي كورېيە ۋاشىنگتون بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان 2 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاساسىدا، 6 تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دېگەن سوزىنى نەقىل ئېلىپ، كىم جۇڭئىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ يەنىلا بىر نىشان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەم شىمالىي كورېيە تەرەپ ھۆكۈمەت گېزىتلىرىدە، شىمالىي كورېيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان 2 تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە يەنە، شىمالىي كورېيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشكە ماقۇل بولۇشتىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ بىلەن بىر يۈرۈش كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، شىمالىي كورېيىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش، سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلاردا خىتاينىڭ ۋەدىسىنى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تەرەپ چېگرىسىدىكى يالۇجىياڭ دەرياسى ئۈستىدە يەنە بىر كۆۋرۈك ياساش پىلانلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىل خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئىكەنلىكى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك شىمالىي كورېيە زىيارىتىنىڭ 1991- يىلى خىتاي جەنۇبىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە سالقىن كەيپىيات شەكىللەنگەندىن بۇيانقى 18 يىل جەريانىدا،خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئىكەنلىكىنى، ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىنىڭ شىمالىي كورېيىنىڭ خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، بۇ يىل ئارقا- ئارقىدىن 2 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەم دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادى جەھەتتە قىينىلىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 6 تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى كېلىشىمدىن باشقا يەنە، خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد، مائارىپ،ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بىر يۈرۈش كېلىشىملەر ئىمزالانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن خوڭكوڭدا چىقىدىغان " قۇياش گېزىتى"نىڭ ئوبزورى نەقىل ئېلىنىپ،كىم جۇڭئىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشكە ماقۇل بولغانلىقى تۈرلۈك شەرتلەرنى ئاساس قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شىمالىي كورېيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان بىۋاسىتە سۆھبەت ئاساسىدا 6 تەرەپ كېڭىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا شىمالىي كورېيىنىڭ خىتايدىن شىمالىي كورېيىگە قارىتا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە ۋەدە ئېلىشنى شەرت قىلغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزە بېرىلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " مىڭباۋ گېزىتى"دىمۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئىنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ، كىم جۇڭئىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك دىپلوماتىك ئىقتىدارىنى ئىپادىلىگەنلىكى، ئالدى بىلەن شىمالى كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋېلىش ئارقىلىق، 6 دۆلەت كېڭىشىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ ئەمەلىيەتتە شىمالىي كورىيەدىن 6 دۆلەت كېڭىشىگە قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى ھەقىقىي كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكرى سەھىپىسىدە، " شىمالىي كورېيىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك" دېگەن تېمىدا،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى بېرىلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي تەرەپ، "خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاياغلاشتى" دەپ خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئى ئۆز قارىشىنى ۋە شىمالىي كورېيىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، سۆھبەتتە ئۈستۈنلۈك ئىگىلىگەن. ھازىرقى مەسىلە، شىمالىي كورېيىنىڭ 6 تەرەپ يادرو قوراللىرى كېڭىشىگە قايتىپ كېلىشكە ماقۇل بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى كورېيە يېرىم ئارىلىدا يادرو قوراللار سىنىقىنى توختىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى مەسىلىسى ئىكەن.