ئەنقەرەدە ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى رەسمىي باشلاندى. 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۇرغان خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىن مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولغا 10 مېتىر ئۇزاقلىقتا قولىدا كۆكبايراق كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ رەسىمىنى يىرتىپ، رەسىمىگە تۈكۈرۈپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

Wen-jyabawgha-qarshi-Turkiyide-namayish-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

ۋېننىڭ ئاپتوموبىلى كېتىۋاتقاندا، مەمەت يۈسۈپ بىلەن ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك كەشىنى ۋېن جياباۋغا قارىتىپ ئاتتى، ئەمما كەش ئاپتوموبىلغا تەگمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.