ۋېن جياباۋ دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن 23-ئاپىرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ 3 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا شۋېتسىيە پادىشاھى، باش ۋەزىر ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنماقتا.
شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە زىيارىتى پەقەت سودا، تىجارەت مەسىلىلىرىنى مەقسەت قىلغان بولماستىن، بەلكى يەنە بىر قىسىم سىياسىي مەسىلىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۋېتسىيىنىڭ بۇ يىللىق خىتايغا قارىتىلغان سودا ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 12% ئاشقان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭ بەدىلىگە شىمالىي ياۋروپا دائىرىسىدە غايەت زور سودا چەمبىرىكى قۇرۇشنى خالايدىكەن. «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ياز، شىمالىي ياۋروپادىكى تۇنجى «جۇڭگو بانكىسى» نى ستوكھولمدا قۇرۇپ چىقىدىكەن.
شۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېن جياباۋنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ئىسلاندىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشى، شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدا بايلىق ئىزدەش ۋە قاتناش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن شىمالىي مۇزئوكيان تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بىرى شىمالىي مۇزئوكيان تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىزچىل شۋېتسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر مايىللىقىنى بىلدۈرمەي كەلگەن.
گەرچە شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى، ۋېن جياباۋنى دېموكراتىيىگە مايىل خىتاي ئەمەلدارى، دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرى، مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يازغاندىن سىرت، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ستوكھولىمنىڭ شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرى ئاۋازى كۈچلۈك ياڭراتقۇلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.
شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت قاپلان ئەپەندى نامايىش بېشىدا سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي دۆلىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
نامايىش باشلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ياڭراق شوئارلار بىلەن كوچا ئايلىنىپ، ستوكھولىم شەھىرىنىڭ يەنە بىر مەيدانىدا ئاخىرلاشتى.
نامايىش جەريانى شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن تەپسىلىي سۈرەتكە ئېلىندى.