ئۇيغۇرلار ۋېنادا نامايىش ئۆتكۈزدى

بىر قىسىم د ئۇ ق مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم «ياۋروپانىڭ جەننىتى» دەپ ئاتالغان ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادا نامايىش ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 1-ئاۋغۇست فرانسىيە ئاۋازى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا بۇ قېتىمقى نامايىش خەۋەرلىرى ئېلان قىلىندى.

بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىقىپ، ئاۋسترىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئاڭلىغايسىز.