ۋېنگرىيىدە ئۇيغۇر يۇرتى بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلمەكتە

ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ۋىنگىرىيىدە ئۇيغۇر يۇرتى بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ خىزمەتنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرمەكتە.

0:00 / 0:00

10-مارت كۈنى ئالتە كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتقا بېرىپ، ئۇيغۇر يۇرتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يېزىنى كۆرۈپ كەلگەن. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋىنگىرىيىدە قېرىنداشلىرى ھونلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ۋىنگىرىيىدە ئۇيغۇر يۇرتى بەرپا قىلىش تەكلىپىنى پايتەخت بۇداپېشتتىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يېزىنىڭ ھون مۆتىۋەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېزىدىكى ھونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھەۋىسى ۋە ھېسداشلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. چوڭ-چوڭ قورۇ-جايلار ھەم زېمىنلار يېزا مۆتىۋەرلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئەرزان باھادا بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان. ھازىرقى مەسىلە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىنغا ھەۋەس قىلىشى ۋە مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، پايتەخت ئەتراپىدىكى بۇ گۈزەل يېزىغا كۆچۈپ كېلىشى بولۇپ قالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 10-مارت كۈنى بۇداپېشتقا بارغان ئۇيغۇرلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ، ۋېنگرىيىدىكى بۇ زېمىننىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ۋەتىنى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىھاجىم ئۇيغۇر يۇرتى ئۈچۈن تاللانغان زېمىننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ۋېنگرىيىدىكى بۇ يېزىنىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ۋېنگرىيە يېزا مۆتىۋەرلىرىنىڭ، ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇ زېمىنغا كۆچۈپ كەلسە، ۋېنگرىيىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ياۋروپا بىرلىكى ھەم ۋىنگىرىيىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ۋېنگرلار بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى قان قېرىنداشلاردىن بولۇپ، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان گېرمانىيىدىكى ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىنگىرىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھونلاردا قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

ۋىنگىرىيىدە ئۇيغۇر يۇرتى بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلەن 10-مارت كۈنى گېرمانىيىدىن پايتەخت بۇداپېشتقا بارغان ئەسقەرجان، ئابدۇجېلىل قارىھاجىم ۋە ئابلىمىت تۇرسۇنلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.