23-ئىيۇل ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى خىتاي پۇقرالىرىنى نارازى قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 23-ئىيۇل كۈنى ۋېنجۇدا يۈز بەرگەن پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تۆت ئايغىچە ئېلان قىلماسلىقى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي پۇقرالىرى خىتاي تىلىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي پۇقرالىرى ئۆز بايانلىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىمۇ، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ يىل 23-ئىيۇل 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان «23-ئىيۇل ۋېنجۇ پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاياغلىشىپ قالغانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

tez-poyiz-soqulush-hadisi-385.jpg
پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىدە يارىلانغان 2 ياشلىق قىز دوختۇرخانىدا. 2011-يىلى 25-ئىيۇل، ۋەنجۇ. (AFP)

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بىلەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بولدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە خىتاي بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ يېنىڭ تىلى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى مەدھىيىلەندى. ۋەقەگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى بايانلاردىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىلدى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە 23-ئىيۇل ۋېنجۇ پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدە، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە قارىغاندا، خىتاي تۆمۈر يول سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ئاساسى سەۋەب ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا گۇمانلىنىش تۇيغۇلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاممىغا ئېلان قىلىشنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كەينىگە سۈرۈشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى تور بېكەتلىرىدە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيدى.

خىتاينىڭ سىنا تور بېكىتىدە «شاھزادىلەر گۇرۇھى ئۆز جەمەتىگە ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى كەينىگە تارتىۋاتىدۇ»، «كومپارتىيە ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى بەدىلىگە پارىخورلۇق قىلىپ، چىرىكلىشىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۆمۈر يول سىستېمىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، ئىقتىدارسىز پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئۆزلىرى شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق ئادۋوكاتلاردىن جاڭ ۋېييۈن ھەم چېن يۈنمىياۋ قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئاممىغا ئاشكارىلاشنى كەينىگە سۈرۈشتىكى مەقسىتى ھەم بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتايدا زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېن يۈنمىياۋ خىتاي تۆمۈر يول سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كومپارتىيىنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان شاھزادىلەر گۇرۇھىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

«خىتايدا تۆمۈر يول سىستېمىسى ئادەتتە شاھزادىلەر گۇرۇھى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى سەيلە-ساياھىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئىگىلىۋالغان بايلىقلىرىنى تۆمۈر يول لىنىيىسى ئارقىلىق توشۇيدۇ. كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قۇرۇۋالغان تۈرلۈك ناملاردىكى شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تۆمۈر يول سىستېمىسى ئارقىلىق چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدۇ، چەتئەللەردىن ئەتكەس ماللارنى تۆمۈر يول ئارقىلىق ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنى خىتاي پۇقرالىرىغا سېتىپ ئۆز چۆنتىكىنى تولدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغان ئىكەن، مەنپەئەتلىرى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ، بىر بۈيۈك تور سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان بۇ ئەمەلدارلار گۇرۇھى ئەلۋەتتە ۋېنجۇ پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرگە چېتىلىپ قېلىپ، ئۆز سەتچىلىكلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ-دە. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم 23-ئىيۇل ۋېنجۇ پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.»

جاڭ ۋېييۈن ئۆز بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمىتىدىكى سەتچىلىكلەرنىڭ، دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ كېلىشىنىڭ، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ يىغىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتايدا زور كۆلەملىك ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.