'ۋەتەندىكى كۆڭۈلسىز خاتىرىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن'

يىللاردىن بۇيان ئۆز ۋەتىنىدىن ئۇزاق چەتئەللەردە ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ ۋە ياكى ياشاپ تۇرۇپ قالغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىساتغا قىلغان ۋەتەن زىيارىتى، دەل - 5 ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدى ‏- كەينىگە توغرا كېلىپ قالغان.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەتەندىكى كۆڭۈلسىز زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن، ۋەتەندە كۆرگەن خورلۇق، خەلقنىڭ ئەلەملىرىگە چىدىماي ئۆزلىكىدىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەكتە.

ۋەتەندىن ئايرىلىپ 10 يىللاردىن كېيىن، ياۋروپادىن شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇرتىغا زىيارەتكە بارغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم ۋەتەندە كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەمدە ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.