ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىمجان ئەزىزوف بېشكەكتە ۋاپات بولدى

بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولغان. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى مەركىزى كېڭەش ئەزاسى ۋە ئىتتىپاق تەپتىش ھەيئىتى ئابدۇرېھىمجان ئەزىزوف ئالەمدىن ئۆتكەن.

0:00 / 0:00

بىشكەكتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئابدۇرېھىمجان ئەزىزوف قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ جىنازە نامىزى سەيشەنبە كۈنى چۈشۈرۈلگەن.

ئابدۇرېھىمجان ئەزىزوف 1949 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى مەركىزى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.