شەپقەتسىز نامراتلىق، ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.23
2011.12.23
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21 - دېكابىر كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدە، دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىي مىراسلارغا ئوخشاشلا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولغان، دۇنياۋى مەدەنىي مىراسلار سەۋىيىسىدىكى بۇ قىممەتلىك يالدامىلارنىڭ نەقەدەر شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى، نەقەدەر ئىنساپسىزلارچە ئوغرىلىنىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن 26 - نويابىر ئېلان قىلىنغان «ئۆلۈك دېڭىزدىكى مەدەنىي مىراسنى قوغدىغۇچىلار» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىگە قاراشلىق دامىكو يېزىسىدىكى تارىخى ئاز دېگەندە مىڭ يىلدىن ئاشىدىغان قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىسىنى ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ قوغداۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. بۇ ئىبادەتخانا ئەتراپىدىكى كۆلىمى 100 كۋادىرات كلومېتىرلىق دائىرىگە يېيىلغان مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىسى بۈگۈن مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئايلىنىپلا قالماي، مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى سەھنىسىگىمۇ ئايلىنىپ قالغان. چىرا ناھىيىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بۇ مەدەنىيەت خارابىلىكىنى قوغداشقا ناھىيىنىڭ ئاجراتقان پۇلى يىلىغا ئاران 5 مىڭ يۈەن بولغان. شىنخۇا تورى يەنە 14 - نويابىردىكى «جۇڭگو ساقچى تەرەپ ئوغرىلىقچە مەدەنىي مىراسلارنى قېزىش چوڭ ئەنزىسىنى پاش قىلىپ، غەربىي دىيارنىڭ 3600 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى» ناملىق خەۋىرىدىن، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ ئوغرى - قاراقچىلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ مەيدانىغا ئايلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىناي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر ياقتىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ئوخشاش مىللىي مىراسلار مەقسەتلىك ۋەيران قىلىنىۋاتقان، قانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدرىس، خانىقالار كۆيدۈرۈلۈپ، چېقىپ تاشلىنىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكە ئائىت خاسلىقلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان تەۋەرۈك مىراسلىرىنىڭمۇ بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىشى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
«دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكى» ناملىق ماقالە شۇنداق باشلانغان:
- تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى چىرا ناھىيىسىگە تەۋە دامىكو يېزىسى رايونىنىڭ قۇم بارخانلىرى ئاستىغا قانچىلىك قىممەتلىك گۆھەرلەرنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارخىئولوگ ۋۇ شىنخۇا بۇ يەرگە كېلىپ، بەش مىنۇت ئىچىدىلا بىرمۇنچە قەدىمىي ساپال بۇيۇملار ۋە تام رەسىملىرىنىڭ چېچىلىپ ياتقان پارچىلىرىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ تەگلىكىگە گۈل نەقىشلىرى ئويۇلغان، قۇش سۈرەتلىرى چېكىلگەن، بۇددا سىمالىرى سىزىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت ئوغرىلىرى تەرىپىدىن قوپال ئۈسكۈنىلەردە قېزىلىپ، بۇزۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن قۇملۇققا تاشلىۋېتىلگەن قىممەتلىك بايلىقلار ئىدى. تۆت ئەتراپقا باقسىڭىز، ھەممىلا يەردە چېچىلىپ ياتقان ئاسارە - ئەتىقىلەر پارچىلىرىنى، قالايمىقان قېزىلغان قەبرىلەرنى، يالىغاچلىنىپ قالغان مەدەنىي مىراسلار مەنبەلىرىنى كۆرىسىز. كۆز يەتكۈسىز بۇ قەدەمىي بايلىقلار زېمىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.
ماقالىدە يېزىلىشىچە، خىتاي ئارخىئولوگى ۋۇ شىنخۇا بۇ رايوندىن ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىرلىق ناھايىتى گۈزەل بىر تام رەسىمىنىڭ پارچىلىۋېتىلگەن قىياپىتىنى كۆرۈپ «بۇ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر قەلب يارىسى» دېگەن. ئۇ يەنە دامىكو يېزىسىدىكى بۇ قەدىمىي مىراسلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى قەدىمىي مىراسلار بىلەن ئوخشاش تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنىڭ مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، دۇنيا دەرىجىلىك قوغدىلىشقا تېگىشلىك بۇ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارنى ئاسراش ئىشىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئەڭ نامرات بىر ناھىيىنىڭ قولىغا قالغانلىقى، بۇ ناھىيىنىڭ يىلدا ئاران 5 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىشقا قۇربىتى يېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئەپسۇسلانغان.
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن بۇ رايوندىن ئېلىپ كېتىلگەن ئاسارە - ئەتىقىلەر، ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدا ئەتىۋارلىق تارىخى بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلانماقتا. ستەيىن بۇ جايغا ئىلگىرى - كېيىن تۆت قېتىم كەلگەن ۋە مىڭلارچە تام رەسىملىرى، تارشا پۈتۈكلەر، كىتابلار، ساپال بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ تارىخى مىراسلار ھازىرغا قەدەر غەربلىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ تۇرماقتا. ھالبۇكى، بۇ شانلىق مەدەنىيەت نامايەندىلىرى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمەي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرەلمەي، چىرا ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي قۇربىتى يەتمەي، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدا خانىۋەيران بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يا چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ قېزىشىغا يول قويماي، ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قېزىشىنى ماددىي جەھەتتىن قوللىماي بۇ تارىخى ئىزلارنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىشى كىشىلەرنى ئويغا سالماقتا.