ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆجەتلەردە "شىنجاڭ " ۋەزىيىتى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان
2010.11.29
شۋېتسىيىنى بازا قىلغان "ۋىكىلىكس" ناملىق تور بېتى ئاشكارىلىغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 250 مىڭ بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى نازۇك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. ھۆججەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان 5"- ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك ئەسلەتمىسى، قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ماناستىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ئەھۋاللار ھەم خىتاي ئەلچىسىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دائىر مەخپىي دىپلوماتىك خەت - چەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
"5-ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
بۇ مەخپىي خەت-چەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 5"-ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىسى بولۇپ، ئەلچىخانىنىڭ مەزكۇر يوللانمىسىدا 5"-ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە خىتايغا بولغان نارازىلىقنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى تەكىتلىگەنگەن.
"5-ئىيۇل ۋەقەسى" بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 2009- يىلى 9 -ئاينىڭ 1- كۈنى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان مەخپىي ئەسلەتمىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مۇسۇلمانلار ئەللەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئىران بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران يۇقىرى قاتلام دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقى، لېكىن خىتاي مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەم خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەرەب تىلىدا پروگرامما تارقىتىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
5"-ئىيۇل ۋەقەسى" پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خىتاي- ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىغا قارىماي، بەزى ئىران يۇقىرى قاتلام دىنىي ئۆلۈمالىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كونسېرۋاتىپ دىنىي ئۆلۈمالاردىن ئاياتۇللاخ ناسېر مۇكەررەم -شىرازى، ئاياتۇللاخ سافى گۇلپايغانى ۋە ئىسلاھاتچى دىنىي ئۆلۈمالاردىن ئاياتۇللاخ يۈسۈپ سانەئى قاتارلىق كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسىنى، مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ھەم ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ دۆلەتلەر ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئەسلەتمىسى بۇ ئارقا كۆرۈنۈشنى چىقىش قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى
"ۋىكىلىكس" نىڭ ئامېرىكا مەخپىي دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى ئامېرىكا دائىرىلىرىنى جىددى بىئارام قىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دىپلوماتىك ھۆججەتلەردىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسۋىتىدە جىددى مەسىلە پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، "ۋىكى لىكس" نىڭ ھەرىكىتىنى "قانۇنسىزلىقتۇر" ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى "خەۋپ خەتەرگە مۇپتالا قىلىشتۇر " دەپ ئەيىبلىدى.
ئۇ "ئامېرىكا بۇ ھۆججەتلەرنى قانۇنسىز ئاشكارىلاشنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. ئۇ پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى خەۋپ-خەتەرگە مۇپتالا قىلىپلا قالماي، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى تەھدىت ئاستىدا قالدۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ئامېرىكا مىللى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ساغلام تاشقى سىياسەتنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى ۋە دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى يولغا سېلىشتىن تارتىپ، خەلقئارا تېررورىزمنى يوقىتىشقىچە، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشتىن تارتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەتنى ئالغا سۈرۈشكىچە بولغان دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ھەر بىر رايون بىلەن بۇ مەقسەت دائىرىسىدە ھەمكارلىشىپ كەلدۇق" دەپ كۆرسەتتى.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى
"ۋىكىلىكس" ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر يەنە بىر نازۇك مەسىلە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلىشى، خىتاينىڭ نارازىلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئالاقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكى، بۇ دۆلەتلەرگە بەزى مەنپەئەتلەرنى بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئامېرىكا مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى سلوۋېنىيە بولۇپ، ئەگەر سلوۋېنىيە مەھبۇسلاردىن بىر كىشىنى قوبۇل قىلسا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سلوۋېنىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلگەن. بېلگىيىگە بەرگەن تەكلىپىدە بېلگىيىنىڭ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ "ياۋروپادا نوپۇزىنى تىكلىشىدىكى ئەڭ ئاز چىقىم تارتىدىغان يول" ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قاراپ، قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان تۇتقۇنلار ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ قىيىنغا توختىغان كىشىلەر بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە لاگىردىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن لاگىردىكى 22 كىشىدىن 5 كىشى ھازىرغا قەدەر گۈەنتانامودىكى لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم "ۋىكىلىكس" نىڭ ھەركىتىنى "خەلقئارا جامائەتچىلىككە قىلىنغان ھۇجۇم" دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى نەرسە ئېنىق بولسۇنكى بۇ ئاشكارىلاش نوقۇل ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەس. بەلكى، شۇنداقلا يەنە خەلقئارا جامائەتچىلىككە قىلىنغان ھۇجۇم. ئىتتىپاقداشلىق، شېرىكچىلىك، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە يەر شارى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادى گۈللىنىش ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى ئوباما ھۆكۈمىتى مىڭ تەسلىكتە قۇرۇپ چىققان شېرىكچىلىك بۇ رىقابەتكە بەرداشلىق بېرىدۇ".
"ۋىكى لىكس" ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى بىلەن خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ماناس ھەربىي بازىسى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىر ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئەسلەتمىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماناستىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىۋەتسە، قىرغىزىستانغا 3مىليارد دوللار پۇل ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. قىرغىز ئەمەلدارلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىسى تاتيانا فوللېر خانىم خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ يەننەن بىلەن ئۇچراشقان. تاتيانا فوللېر خانىم مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئەسلەتمىسىدە جاڭ يەننەننىڭ قىرغىزىستانغا "بۇنداق تەلەپ قويغانلىقىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق سودىنى ئەخمىقانىلىقتۇر، دەپ تەكىتلىگەنلىكى، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا پەقەت سودا مەنپەئەتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۇلارنى "قاتتىق تىللىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.