ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان بەزى ماتېرىياللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى كۆرسىتىلدى

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئاشكارىلانغان بەزى ماتېرىياللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010.12.21
wikileaks-julian-assange-muxbirlar-305.jpg ۋىكىلىكسنىڭ قۇرغۇچىسى Julian Assange مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. ئەنگلىيە 2010-يىل 18 دېكابىر
AFP

ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار ئىچىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى، خىتاينىڭ " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلار شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانى قاتارلىقلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە قويۇپ بېرىش پىلانىغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ھېنرىي شاجەفىسكى ئېلان قىلغان ماقالىگە قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا نېمىشقا شۇنچە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى جاڭ يەننيەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلۈشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "خىتايغا قىلىنغان سوغۇق مۇئامىلە" ياكى خىتاينىڭ "يۈزىگە شاپىلاق بىلەن سالغانلىق" دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېنرىي شاجەفىسكى قارىشىچە، ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان يۇقىرىقى ماتېرىياللار ئىلگىرى ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ھېنرىي شاجەفىسكى: " بىز بۇنىڭدىن، ئامېرىكىدا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا سورۇنلاردا تاكتىكىلىق مۇئامىلىدە بولغان بولسا، دائىرىلەر بىلەن ئۆز ‏- ئارا ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ." دېگەن.

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئىچىدە نامەلۇم بىر خىتاي كىشىنىڭ ( بۇ ئادەمنىڭ خىتاي ئەمەلدارى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن) ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى سىياسىي ئوفىتسېرغا ئېيتقانلىرى ئادەمنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ.
ماتېرىيالغا قارىغاندا، " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان بۇ خىتاي كىشىنىڭ ئىسمى ئۇچۇرۇۋېتىلگەن.

ماتېرىيالدا مەزكۇر خىتاي كىشىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى خاتىرىلەنگەن: " 5-،7- ئىيۇل شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋە 2008- يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشلار كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتى جەھەتتىن باشقا نامايىشلارغا ئوخشىمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى پارتىيىگە كەسكىن مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدۇ. ئەمما، پارتىيە رەھبەرلىرى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىسا ئۇيغۇر ياكى تىبەتلەرگە ئوق چىقىرىدۇ. چوڭ تىپتىكى نامايىشلار ئوخشىمايدىغان تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، رەھبەرلىك خىتايلار ئېلىپ بارغان نامايىشلارنىڭ چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قورقۇپ، خىتايلار ئېلىپ بارغان نامايىشلارغا ئوق چىقىرىشتىن قورقىدۇ."

ھېنرىي شاجەفىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغۇچىنىڭ ھازىرغىچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: "يۇقىرىقىلارنى زادى كىمنىڭ ئېيتقانلىقىنى بىلەلمىدۇق. ئەمما، ئۇيغۇر، تىبەت نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ھەققىدىكى گەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىت 2009- يىلى 13- ئىيۇن يەنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشلاردىن بىر ھەپتە ئۆتكەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ."

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىمۇ "5- ئىيۇل نامايىشى" نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2010- يىلى ئىيۇلدا ئېلان قىلغان " 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى: دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان كىشى بارمۇ" ناملىق دوكلاتتىمۇ، نامايىش گۇۋاھچىلىرىنى گۇۋاھلىققا تارتىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئاشكارىلىغان ماتېرىيالغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

ھېنرىي شاجەفىسكى ماقالىسىدە نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 2008- يىلى 24-فېۋرالدىكى يوللانمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يوللانمىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ رولىنى ۋە ھۆكۈمەت تەستىقلىغان دىنلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى كۈچەيتىدىغان ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى چەكلىك دائىرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى ھەمدە كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى يەنە بىر مۇنازىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "تىبەت ۋە شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا بۆلگۈنچىلىكتىن قورقۇش تۇيغۇسى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ كېڭىيىشىنى تېخىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ." مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتايغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ۋىكىلىكسنىڭ بۇ خىلدىكى مەخپىي دىپلوماتىك ئالاقە يوللانمىلىرىنى ئاشكارىلىشى ئوخشاشمايدىغان پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھېنرىي شاجەفىسكىينىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئاشكارىلاش ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىگە ھەرخىل قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئۈمىدلەندۈرىدىكەن.

ۋىكىلىكس ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىسىگە ئالاقىدار 250 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىياللارنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارالىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.