ۋىكىپېدىئا: «ماۋزېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا 20 مىليون خىتاي خەلقى ئۆلگەن»
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.16
2011.12.16

AFP
ۋىكىپېدىئا تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى 20 مىليوندىن ئاشقان.
«خەۋەرلەر ھەپتىلىك» ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 1 - سانىدا دۇنيا تارىخىدا گىتلېر، ستالىن ھەم ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار 20 - ئەسىردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن 3 چوڭ جاللات دەپ ئاتالغان. تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە، پولشا، رۇسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە گىتلېرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلار 6 مىليوندىن ئاشقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 30 - يىللاردا ستالىننىڭ قوزغىغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 20 مىليون كىشى ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەن.
بۇ يىل 9 - ئايدا خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغان گوللاندىيىلىك ئاپتور فرانك دېكوتېرنىڭ «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئاچارچىلىقى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ كىشىلەر ئىچىدە، 1 - نومۇرلۇق قاتىل دەپ ئاتالغان سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى 80 مىليوندىن ئاشقان.
كىتابتا بايان قىلىنغان ماۋ زېدۇڭ دەۋرى ھەققىدىكى تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەن 80 مىليون خىتاي پۇقراسىدىن، 39 مىليون كىشى 1950 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل سىياسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان. ھالبۇكى، ۋىكىپېدىئا ھەمدە فرانسىيە تارىخچىسى ستېپخانە كوئۇرتوئىس تەرىپىدىن يېزىلغان، «كوممۇنىزم ھەققىدە قارا تاشلىق كىتاب» دا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا 1966 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىلا 20 مىليون خىتاي پۇقراسى ھەر خىل زوراۋانلىق كۈرەشلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ۋىكىپېدىئا تور بېكىتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئەمەلىيەتتە سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزى بىلەن پىكىر جەھەتتىن ئوخشىمىغان ليۇ شاۋچى، جۇ دې، خې لوڭ، پېڭ دېخۇەي، تاۋ جۇ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن، ياش ئوقۇغۇچىلارنى كۈشكۈرتۈپ خىتاينىڭ ئەينى يىللىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە قوزغىغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى بولۇپ، 1949 - يىلى كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى ئەڭ تىنچسىز يىللار دەپ قارالغان. تۈرلۈك قىيناشلار سەۋەبىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھەم ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇرلانغانلار، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، سودىگەرلەر ھەتتا يېزىلاردىكى دېھقانلارغىچە بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى مىسلىسىز كېڭەيگەن.
ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى ھەققىدىكى ماقالىلەردە، 10 يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە خىتايدا زادى قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار تالاش - تارتىش ئىچىدىكى مەسىلە بولۇپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي مەلۇماتلارنى مەخپىيەتلىك قاتارىدا يوشۇرۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن بۇ دەۋردىكى ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى يەنىلا بىر سىر بولماقتا.
1980 - يىلى ئىتالىيە ئايال مۇخبىرى فاراچىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي رەھبىرى دېڭ شىياۋپىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭچە، بۇ ساننى مەڭگۈ ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرىكەت بەك كېڭىيىپ كەتكەن، كادىردىن - دېھقانغىچە نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەينى يىللىرىدىكى كومپارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭ يۇگوسلاۋىيە مۇخبىرىغا جاۋاب بېرىپ «بۇ ھەرىكەتتە تەخمىنەن 100 مىليون خىتاي خەلقى كۈرەشكە تارتىلدى، بۇلار پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ 10 دىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن. خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىدىن يې جيەنيىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئاشكارىلىشىچە، 1966 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە ھەر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى 20 مىليوندىن ئاشقان.
فرانسىيە ھازىرقى زامان كوممۇنىزم تارىخى تەتقىقاتچىسى ستېپخانە كوئۇرتوئىس تەرىپىدىن يېزىلغان، «كوممۇنىزم ھەققىدە قارا تاشلىق كىتاب»نىڭ 14 - ،15 - باپلىرى ماۋ زېدۇڭ خىتايدا قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان، كوممۇنىستلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە بېغىشلانغان. كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ھەم خىتاي تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار رەتلەپ چىقىلىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى دەپ ئاتالغان 1966 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى 20 مىليون دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى 5 چوڭ تۈرگە ئايرىلىپ چىقىلغان.
كىتابتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك 5 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدىكەن.
1. زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگۈچىلەر، يەنى كىتابتا ئەينى يىللىرى خىتايدا تەخمىنەن 200 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
2. قىزىل قوغدىغۇچى دەپ ئاتالغان ياش ئوقۇغۇچىلار ھەم بىر قىسىم كوممۇنىست ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن كۈرەش قىلىنىپ ئۇرۇپ - قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر، كىتابتا بۇلار 500 مىڭدىن ئاشىدۇ دېيىلگەن.
3. سىنىپىي دۈشمەن نامىدا كۈرەش قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن قول ئىلكىدە بار كىشىلەر، بۇلار 500 مىڭدىن ئاشىدۇ.
4.يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خاتا ھۆكۈمى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر، 10 يىل ئىچىدە خىتايدا تەخمىنەن 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە كىشى يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن خاتا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان.
5. قىزىل تېررورلۇق سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1200 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار ھەربىي ئەمەلدار ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ ئېتىپ تاشلانغان.
6. ئەينى يىللىرى بۇلاردىن باشقا يەنە خىتاي رەئىسى ليۇ شاۋچىغا چېتىلىپ 22 مىڭ ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور قىسمى تۈرمىلەردە سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ئۆلتۈرۈلگەن.
1966 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە، تەخمىنەن 3 مىليوندىن 18 مىليونغىچە كوممۇنىست پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى تۈرمە سىرتىدىكى يەرلىك قاماقخانىلارغا سولاپ قويۇلغان. ھەربىيلەردىن 400 مىڭ ئەسكەر سولانغان، 53 مىڭ پەن - تېخنىكا خادىمى، 1 مىليون 420 مىڭ ئوقۇتقۇچى، 2600 سەنئەتكار ۋە يازغۇچى يەرلىك تۈرمىلەرگە سولانغان، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەر خىل روھى بېسىم ۋە قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
مەسىلەن : خىتايدا ئاتاغلىق تارىخچى دەپ نام ئالغان، ئۆزىنى خۇنەن تاۋيۈەنلىك ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن پروفېسسور جيەن بوزەن ئەپەندى 1968 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش يىغىنىدىن كېيىن، ئايالى دەي شۇۋەن بىلەن بىرلىكتە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
ۋىكىپېدىئا قامۇسىدا ئاشكارىلانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئائىت باشقا ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى، زىيالىيلار، ئەسكەرلەردىن باشقا يەنە يېزىلاردا 1966 - يىلدىن 1971 - يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۈرەش دولقۇنلىرىدا ئۆلگەن دېھقانلارلا تەخمىنەن 500 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى خىتاي خەلقىدىنمۇ ئېغىر بولغان. بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەردە خىتاي رايونلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش، ئەكسىيەتچىل دىنىي كۈچلەرنى يوقىتىش، خۇراپاتلىققا زەربە بېرىش دېگەن ناملاردا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ خەلق ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغان.