ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيىنىڭ زەبەردەس ھەربىي قوشۇنغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2012.02.20

بۇ ھەقتە پىكرى يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر پۇتىننىڭ بۇ سۆزلىرى بىر جەھەتتىن ئامېرىكىغا قارىتىلغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پۇتىن ماقالىسىدە كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن 768 مىليارد 460 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىننىڭ ماقالىسى رۇسىيىدە چىقىدىغان «رۇسسىسكايا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا يېڭى دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشلارنىڭ يالقۇنى چېچىلدى. دۇنياۋى ئىقتىسادىي بوھران ۋە باشقا داۋالغۇشلار جەريانىدا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى قورال كۈچى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ ھەل قىلىشقا ئالدىراش خاھىشلىرى كۆرۈلدى.
پۇتىن ماقالىسىدە كىملەرنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، رۇسىيىنىڭ چوقۇم يوشۇرۇن دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم بۇ يەردە پۇتىننىڭ خىتاينىمۇ نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى كەڭ كۆلەملىك قىسقارتىلىپ نۆۋەتتىكى 1 مىليونغا چۈشۈرۈلگەن.
پۇتىن ماقالىسىدە، رۇسىيە كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 600 دىن ئارتۇق كۈرەشچى ئايروپىلان، نەچچە ئون سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە برونېۋىكلارنى سېتىۋېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
پۇتىن 2000-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە رۇسىيە پرېزىدېنتى بولغان ۋە 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە رۇسىيە باش مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.
پۇتىننىڭ ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى نۇرغۇن رۇسىيىلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە بۇنىڭغا قارشى نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.
پۇتىن ماقالىسىدە غەرب كۈچلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى قارشىلىق نامايىشلىرىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى يازغان.
پۇتىن ماقالىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتنى تىلغان ئالمىغان بولسىمۇ، سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە يېقىندا ب د ت دا سۈرىيە ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىش يىغىنى ھەققىدە توختالغان.
ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش جەريانىدا رۇسىيە ۋە خىتاي قارشى بىلەت تاشلاپ ب د ت نىڭ سۈرىيىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.
پۇتىن ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: مۇنداق شارائىتلاردا رۇسىيە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دائىم دىپلوماتىك ياكى ئىقتىسادىي چارىلەرگىلا تايىنىپ قالسا بولمايدۇ دېگەن.
سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن بولۇپ، رايوندا خىتاي بارا-بارا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. خىتاي 2001-يىلى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تەشكىلاتقا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، تەشكىلاتقا ئۆزى باش بولۇۋالغان ئىدى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىنلا ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ، بۇلار يەنىلا بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن.
پۇتىن ئاخىرىدا يەنە مۇنداق يازغان: ئالدىمىزدا ھەربىي ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيىلىك چەكلەش قۇرۇلمىسى ئىچىدە ھەر دائىم يېتەرلىك قوراللىنىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپە بار.
پۇتىن ماقالىسىدە، بۇنداق قىلىشنىڭ رۇسىيىنىڭ خەۋپسىزلىكى ھەمدە باشقىلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە نۆۋەتتە رۇسىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى خىتايدىن ئىلغار بولسىمۇ، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە خىتاينىڭ رۇسىيىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، شۇڭا پۇتىن بۇ يەردە شۇنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رۇسىيىدە 4-مارت پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پۇتىن ئۆزىنى بۇ نۆۋەتلىك سايلامغا نامزات كۆرسەتكەن ئىدى. پۇتىننىڭ يۇقىرىقى ماقالىسى مەزكۇر سايلامدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە رۇسىيىدە پۇتىنغا قارشى ئاۋازلار خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىدا يەنە ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.