ئۇ تۈنۈگۈن خىتاي - ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىنىڭ جەمئىيەتتە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە خىتاينىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 48 سائەت داۋام قىلىدۇ، ئۇ ب د ت ئومۇميىغىنى ۋە ب د ت نىڭ 1000 يىللىق تەرەققىيات پىلان يىغىنى بولۇپ ئىككى چوڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇ ۋېن جياباۋنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈنكى سۆزىدە سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسىڭلارغا ۋەدە بېرىمىزكى، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يىمەك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئوڭشايدۇ، بىز ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلار، بولۇپمۇ يىمەك مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە توشۇشتىن باشقا، مەھسۇلاتىمىزنى ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆلچىمىگىمۇ توشۇشى كېرەك. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە كېلىدىغان تەنقىدنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ۋېن جياباۋ سۆزىدە يەنە، سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تونۇدى ھەم مىڭلىغان بالىلارغا كەلگەن زىيانكەشلىك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئازاپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ سىچۈەندە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىمۇ مۇشۇ خىل تەلەپپۇزدا سۆز قىلغان، خەلقتىن ئەپۇ سورىغان ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى مەسىلىلەرنىڭ يالغۇز خاتالىقىنى تونۇش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئەپۇ سوراش بىلەن تۈزەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ تۈزۈلمىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ۋېن جيا باۋ سۆزىدە بولسا مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئەخلاقىي تەرەپكە بۇراپ چۈشەندۈردى ۋە تىجارەتچىلەردە ئەخلاق قېنى بولۇشى كېرەك، پۇلنى دەپ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قۇربان قىلماسلىقى كېرەك دەپ ئەسكەرتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېن جياباۋ ب د ت ئومۇميىغىنىدا خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، دۇنياۋىي خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولۇپ، 150 دىن ئارتۇق مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ب د ت نىڭ 1000 يىللىق تەرەققىيات پىلانى 2000 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دۇنيادا يوقسۇزلۇق دەردىنى تارتىۋاتقان خەلقلەرنىڭ نىسبىتىنى 2015 - يىلىغا قەدەر %50 تۆۋەنلىتىش پىلانلانغان. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە ئافرىقىدىكى نامراتلىقنى ئازايتىشتا ئىجابىي قەدەم باسقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى.
تۈنۈگۈن نەچچە يۈزلىگەن خىتاي مۇھاجىرلىرى نيۇيوركتا ۋېن جياباۋنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، يەنە نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك ۋە فالۇنگۇڭچىلار ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت كۈن تەرتىپىدە، ب د ت نىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش،خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق يىغىن ۋە ئۇچرىشىش پىلانلانغان.
ب د ت ئومۇمي يىغىنىدىكى نازۇك مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدۇر. تىبەت ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك مۇستەقىللىق تېمىسىدا ھەر ۋاقىت ئېھتىيات بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.