يىغىندىن كېيىن، چەتئەلدىكى خىتاي ئاخباراتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋېن جياباۋ، سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى، خىتايدىكى پارىخورلۇققا خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىن - بىر يولى دەپ كۆرسەتتى.
ۋېن جياباۋ ب د ت دا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى تېنچ تەرەققىيات دەپ شەرھىلىدى ۋە دۇنيادىكى ھېچبىر دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي تەرەققىياتىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەرەققىيات دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك غايىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن تاللىغان سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتايدىن كۈتۈۋاتقانلىرىغا زىت كەلمەكتە. غەرب ئەللىرى خىتاينى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا، دېموكراتىك سايلامنى يولغا قويۇشقا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە. بۇ چاقىرىقلار خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەندىشىسى بىلەن رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
ۋېن جياباۋنىڭ سۆزلىرى خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. ئەمما ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي ئاخباراتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى يەنە باشقىچە. ئۇ مۇخبىرلار بىلەن سۆھبىتىدە سۈت پاراشۇك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى چىرىكلىك دەپ كۆرسەتتى، چىرىكلىكنى تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى بولسا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دەپ كۆرسەتتى.
چىرىكلىك مەسىلىسى، خىتاينىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە دەپ تىلغا ئېلىنغان، ئەمما كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە توختالمىغان ئىدى. ۋېن جياباۋ سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئەمەس، خەلق باھالىشى كېرەكلىكىنى، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش كېرەكلىكىنى، ئادالەتلىك بىر جەمئىيەت شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆز ئارىسىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئىنتېرنېتتىكى قارشى پىكىرلەرنى ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ پىكىرلەرنىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلىشىدىن قەتئىينەزەر جەمئىيەتتىكى بىر رېئاللىقنىڭ، مەلۇم بىر ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى، تەنقىدىي پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئۆكتىچى پىكىرلەرنى دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، مۇقىملىقنى بۇزۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ جازالاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرى بىلەن قارشى قۇتۇپتا تۇرماقتا. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي تۈزۈلمە يۆنىلىشىدىن بىشارەت بېرىۋاتقانلىقى ۋە ياكى پەقەت سۆھبەتداشلىرىنىڭ مايىللىقىنى قازىنىشقا تىرىشقانلىقى ئېنىق ئەمەس. سۆھبەت جەريانىدا خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى خىتاي ئاخباراتچلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى سورىدى؛ ۋېن جياباۋ: "مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرىمىز پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىمىز 5 مىڭ يىللىق بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى، بىز سىلەرنىڭ جۇڭگۇ بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز دەپ جاۋاب بەرگەن.
ۋېن جياباۋ سۈت پاراشۇكى مەسىلىسنى ئامېرىكا مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تىجارەتچىلەردىكى ئەخلاقسىزلىققا، خىتاي مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا تۈزۈلمىدىكى ئاجىزلىققا باغلاپ چۈشەندۈردى، تۈنۈگۈن ب د ت دىكى سۆزىدە خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىنى مۇداپىئە قىلدى.
ۋېن جياباۋ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە توختالمىدى، ئەمما ب د ت يىغىنىدا زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى، ئۇنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئەستىن چىقارمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.