ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدە ئىقتىساد ۋە تىبەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.01.29
2009.01.29

AFP Photo
خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى 2007 - يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى باش مىنىستىرلىق سارىيىدا قوبۇل قىلىشى بىلەن جىددىيلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن ئېلىپ بارىدىغان قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدىكى بىر قاتار كۆرۈشۈشلەرنى توڭلاتقان ئىدى.
ئانالىزچىلار خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئانگېلا مېركېلنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توڭنىڭ ئېرىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىشارەت دەپ قاراشماقتا. ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئۇنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ 2 - بېكىتى بولۇپ، ئۇ گېرمانىيىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس بازىرىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان.
ۋېن جياباۋنىڭ ئانگېلا مېكېل بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، ئېكسپورت مەسىلىلىرىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئانگېلا مېكېل سۆھبەت جەريانىدا تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ، سۆھبەتتىن كېيىن ۋېن جياباۋ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېيجىڭنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرلارغا "گېرمانىيە دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن مېكېل خانىم يەنە مۇنداق دېگەن": بىز تىبەت ۋەزىيىتى ۋە گېرمانىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى سۆزلەشتۈق، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم."
لېكىن ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي ئانگېلا مېركېلنىڭ 2007 - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىك سەۋەبى خىتاي - گېرمانىيە ئارىسىدا كېلىپ چىققان ئىختىلاپنى ئىما قىلىپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو "ئوخشىمىغان پىكىرلەردە ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. ئانگېلا مېكېل خانىم بولسا، ئەگەر كېرەكلىك بولسا گېرمانىيىنىڭ (خىتاي - تىبەت ئارىسىدىكى سۆھبەتكە) "ئىجابىي تۆھپە قوشۇش" نى شەرەپ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋېن جياباۋ، ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق سارىيىغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، كۆپ قىسىمى تىبەت ھەرىكىتىنى قوللايدىغان گېرمانلار بىلەن تىبەتلەرنى ئاساس قىلغان شۇنداقلا ناھايىتى چەكلىك ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50 دەك كىشى مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق سارىيى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا دالاي لاما بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ماقۇل بولغان شۇنداقلا بۇ مەسىلە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا تالاش - تارتىش قوزغىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى سولانا دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىدا ياۋروپانىڭ گۇئانتانامو مەسىلىسىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىققا قارار قىلىش مەسىلىسىدە يەنە توختاپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايمېر گېرمانىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان بەزى بىشارەتلەردە بولغان بولۇپ، ئۇ "بىز ئەلۋەتتە ئالدىراپ - سالدىراپلا بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلمايمىز. بۇ ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامونى تاقاش ياكى تاقىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشەنچ مەسىلىسى " دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە ئىدى.
مېركېل بىلەن ۋېن جياباۋ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرگە چېتىلغان ياكى چېتىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرىدا گېرمانىيە ۋە غەربنىڭ خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدا خىتاينىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قۇربان قىلىۋېتىلىش ئېھتىمالى ئۆزلىرىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋېن جياباۋ بىلەن مېركېلنىڭ سۆھبىتىدە مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي بىلەن گېرمانىيە"ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كرىزىسنى بىرگە يېڭىش" نى تەكىتلىگەن. ئۇ " بىز چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈلچەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يولباشچى بولۇشىنى قارشى ئالىمىز " دەيدۇ.
خىتاي 2008 - يىلى 11 - ئايدا ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش پىلانى جاكارلاپ، 586 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋېن جياباۋ، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر تۈرگە ھەمشېرىك بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە سەپىرىدە ئىككى دۆلەت سودا، مەبلەغ، ھاۋا كىلىماتى، ئاپتوموبىل ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدۇر. ئۇ جۈمە كۈنى بېرېيۇسېلدا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى خۇسېي مانۇئېل بارروسو ۋە ياۋروپا كومىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى سولانا ۋېن جياباۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت توغرىسىدا مۇنداق دېگەن ": بىز ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز ئىقتىسادى كرىزىسنى ئەمەس، خەلقئارا جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر، يەنى خىتاي مۇھىم رول ئوينايدىغان خەلقئارا پىلاندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىمىز." لېكىن سولانا خىتاي مۇھىم رول ئوينايدىغان خەلقئارا پىلاندىكى بۇ زور مەسىلىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.