ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يەنى خىتايدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق چوڭ ئەرباب ۋۇ باڭگو تۈنۈگۈنكى دوكلاتىدا، خىتايدا كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ۋە قانۇن تارماقلىرىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بېجىرىدىغان قىلىشقا مۇتلەق بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى ۋە بۇ ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي، ھازىرقىدەك بىر پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خۇ جىنتاۋمۇ ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغاندا، ئەگەر خىتايدا غەربچە دېموكراتىك سايلام يولغا قويۇلسا، خىتايدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادى مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈنلەي زىيانغا ئۇچرايدۇ دەپ تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە قويغان تەلەپتە «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش» دېگەن بىر يېڭى ئاتالغۇنى قوللانغان ئىدى.
بۈگۈن مەزكۇر گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئېغىزىدا خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتىدە، خىتايدا ئوتتۇرا شەرقتىكىدەك ياسىمەن ئىنقىلابى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەكلا پايپېتەك بولۇپ كەتكەن، ناھايىتى كۆپ جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانغان. ياسىمەن ئىنقىلابى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېتتا قاتتىق نەزەربەندكە ئالغاندىن باشقا يەنە، كوچىلاردا، بولۇپمۇ ئادەم توپلىشىدىغان جايلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن. بۇنىڭ پاكىتلىرىنى فوتو-سۈرەتلەر ئارقىلىق كۆرسەتكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئىككى چوڭ يىغىندا، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا، ۋۇ باڭگونىڭ تۈنۈگۈنكى دوكلاتىغا باھا بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن، پەقەت «شىنجاڭ ئۆمىكى» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپىنىڭ يىغىن ئەھۋالىنىلا خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن «شىنجاڭ ئۆمىكى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ يىغىنىغا، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكىۋېتىلگەن سابىق ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ قاتناشقان. بۇ يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تېلىۋالدى قاتارلىقلار، ۋۇ باڭگونىڭ دېموكراتىيىنى تەلتۆكۈس رەت قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغان. ئۇلار ھاياجانلىق سۆزلىرىدە، ۋۇ باڭگونىڭ، خىتاي ھەرگىز غېرىبچە دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلمايدۇ دەپ جاكارلىغانلىقىنى، خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى نەزەرىيىسى ۋە مۇئەييەن يول بەلگىسى دەپ مەدھىيىلىگەن.
بۇ گۇرۇپپا يىغىنىدا يەنە، ئەكبەر غۇپور قاتارلىق كىشىلەر مەركىزى كومىتېتقا قەشقەرنى خوتەن، نىيە، چەرچەن، چاقىلىق ئارقىلىق چىڭخەيگە ۋە ئۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتايغا نەزەر تور گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەركىن مۇنازىرە بېتىگە، ۋۇ باڭگونىڭ دوكلاتى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئوبزور چاپلانغان. ئۇنىڭ بىرىدە، كوممۇنىست پارتىيە تېخىچە خام خىيالىنى تاشلىماپتۇ، بىزدە ئەمدى، ئۇلاردىمۇ دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن دېگەن ئۈمىد ئۈزۈلدى، دەپ يېزىلغان بولسا، يەنە بىرىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانىشى شىتەيخۇ پەقەت ئىسلاھاتنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ سۇلالە ئۈزۈل-كېسىل ھالاك بولغان، ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك، دەپ يېزىلغان. يەنە بىرىدە، كوممۇنىست باندىتلىرىغا ئەقىل كۆرسەتكەن بىكار، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتماقتىن ئۆزگە يول يوق، دەپ يېزىلغان. يەنە بىرىدە، بىز ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن پانۇس ئويۇنى قىلىۋاتىمىز، ئىنتېرنېتتىن ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدىغان سۆزلەرنى قوللىنىمىز، بىز خىتاينى ھەرگىز ئارام بەرمەيمىز، بىزنىڭ ياسىمەن ئىنقىلابىمىز بارغانسېرى ئۇلغىيىدۇ، خىتاي ئاخىر بىزگە تەڭ كېلەلمەيدۇ، دەپ يېزىلغان.
بۈگۈن بۇ تور گېزىتىگە چاپلانغان خىتايلار ئۆزلىرى يازغان يۈزلىگەن ئوبزورنىڭ ھېچقايسىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا مەدھىيىلەيدىغان ياكى ياقلايدىغان ئوبزور ئەمەس.