2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىگە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە كەلگەن. جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىگەن. بۇ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 3-قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەمەلدارلار ئۆز زىيارەتلىرىدە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى قىسقا مۇددەتتە كۆتۈرۈش ھەققىدە ۋەدىلەرنى ۋە يوليورۇقلارنى بەرمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش، ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.
ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزىلەرگە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋۇ باڭگو زىيارىتى جەريانىدا، خەلق ئاممىسى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇش ھەققىدە يوليورۇق بەردى، دېيىلگەن. شۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم بولسا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئوخشاش بۇنداق ۋەدىلەرنى ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقاچان ئەمەلىيلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى «ئۈچ خىل كۈچلەر »نىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن جەمئىيەتتىكى بىر ئۇچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئېلان قىلىپ، نامايىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ۋە ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سوت ئېچىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، قانۇنىي سوت تەرتىپىنى يۈرگۈزمىگەن ئاساستا كەينى-كەينىدىن ئۆلۈم جازالىرىنى ئىجرا قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى، ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى «مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بۇ پەقەت ئۈچ خىل كۈچلەر پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىق» دەپ قاتتىق باستۇرغانلىقىنى، مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ۋۇ باڭگونىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭمۇ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ ئەخەت ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر رايوندىكى مەسىلىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ قويۇش بىلەن ھەل بولىدىغان ئۇنداق ئاددىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.