گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى لۇفېڭ بازىرى ۋۇكەن يېزىسىدا يۈز بەرگەن يەرلىك دائىرىلەر بىلەن يېزا خەلقى ئارىسىدىكى يەر ماجىراسى تەرەققىي قىلىپ، يەرلىك ئاھالە مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەقەگە ئارىلاشمىسا، داۋاملىق نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېزا خەلقى شۇ جايدىكى ساقچى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، يېزىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاشكارا نىشانى خۇسۇسى شىركەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق يېزا خەلقىنىڭ كومپارتىيە كادىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ساقچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى خىتايدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە. بەزى كۆزەتكۈچىلەر نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كومپارتىيىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلان قىلىنغان رىقابەتتۇر.
يەرلىك ئاھالە خىتاي مەركىزىدىن ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنسىز يەر سودىسى ۋە ۋۇكەن يېزىسىنىڭ خەلق ۋەكىلى شۆ جىنبونىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. دۈشەنبە كۈنى يېزا خەلقىنىڭ ۋەكىلى لىن زۇشيەن يېزا ئاھالىسىگە نۇتۇق سۆزلەپ، يېزا خەلقىگە تەئەللۇق زېمىننى تارتىۋالماقچى بولغان ۋە شۇنداقلا يېزا جامائەت ئەربابى شۆ جىنبونىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پارىخور سىستېمىغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىگە شۆ جىنبونىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 5 كۈنلۈك سۈرەك بېرىمىز. ئەگەر بۇ سۈرەك ئىچىدە قايتۇرۇپ بەرمىسە، بىز ئۆزىمىز قۇرغان توسۇقلارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ، لۇ فېڭ بازارلىق ھۆكۈمەت زالىغا بېرىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ماڭىمىز» دېگەن.
مەزكۇر يېزىدىكى جاڭ پەمىلىك بىر كىشى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ھازىر ئىتتىپاقلىشىشقا ئىمكان قالمىدى. خەلقنىڭ دەردى تۇپراق. شۆ جىنبو بىىزنىڭ تۇپرىقىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭغا دۇنيا خەلقى باھا بەرسۇن. ئىشنىڭ بىز چۈشەنمەيدىغان غەلىتە تەرىپى شۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت بىزدىن كەنتلەرنىڭ خەلق ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. بىز خەلق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ۋەكىللەرنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەر بىر ۋەكىلگە مىڭ يۈەندىن مائاشمۇ بېرىلدى. ئەمدى نئېمە ئۈچۈن ئۇلارغا جىنايەت ئارتىدۇ؟ مەن بۇنى چۈشەنمىدىم» دەپ كۆرسەتتى.
ۋۇكەن بازىرىدىكى يەر ماجىراسى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ئۆتكۈرلىشىشكە باشلىغان ئىدى. يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خۇسۇسى شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، يېزا ئاھالىسىگە تەئەللۇق يەر -زېمىندا مېھمانخانا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش پىلانى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ يىل سېنتەبىردە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يېزا خەلقىنىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېزا خەلقى شۆ جىنبو قاتارلىق كىشىلەرنى ۋەكىللىككە سايلاپ، ئۇلارنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلغان. بىراق شۆ جىنبو قاتارلىق ۋەكىللەر نامايىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. شۆ جىنبو 11-نويابىر كۈنى تۇتقۇندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان ئىدى. ساقچىلار شۆ جىنبونىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. شۆ جىنبونىڭ ئائىلىسى بولسا ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە ۋۇكەن يېزا خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ۋۇكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە ئوخشاشلا يەر مەسىلىسى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەر -زېمىن مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى ئىلشات ئەپەندى، مەزكۇر مەسىلىنىڭ خىتايدىكى ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىتايدا يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ مۈجمەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇكەندىكى ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. رايوندىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز كىشىلىك قوراللىق ساقچى ئەترەتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ۋۇكەن يېزىسىنىڭ كىرىش -چىقىش ئېغىزلىرىنى قالمال قىلغان. مەزكۇر يېزىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلىگەن.
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، «بۇ خىل جىنايى چەكلىمە دائىرىلەرنىڭ ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى، ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي مەتبۇئاتنىڭ رولىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقى ۋە ساراسىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. مەزكۇر يېزىدىكى يەنە بىر خىتاي پۇقراسى رادىئومىزغا بەرگەن يېزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دائىر بايانىدا ئەسكەرتىپ، پۈتۈن ئەتراپنىڭ خۇددى ئۇرۇش بولىدىغاندەك قورشىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئىزچىل قارشىلىق ۋە يىغىلىشلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر پۈتۈن ئەتراپ خۇددى ئۇرۇش بولىدىغاندەك قورشىۋېلىندى. يېزىنى بىر-ئىككى مىڭ قوراللىق ساقچى قورشاپ تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر يېزىنى قورشاپ تۇرۇۋاتقىنىغا بىر ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ياكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر يېزا خەلقىنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىپ باقمىغان. لىن زۇشيەن دۈشەنبە كۈنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشنى، ئۇنىڭ ناھىيىلىك ج خ ئورگانىغا بېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى، ئۆزىنى مەلۇم قىلسا ئۇنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە تۇتقان ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇكەن خەلقىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى دەرھال باستۇرسا، خىتاي خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ كېتىشى ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ۋۇكەندە پارتلىغان بۇ ۋەقە، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئەرەب باھارى ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويغان، ئۇ بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىۋاتقان نازۇك مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
