ۋۇكەندىكى توپىلاڭنىڭ شوئارى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تەرەپكە بۇرالدى

ۋۇكەندىكى قارشىلىقنىڭ شوئارى ئۆزگەردى. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم خىتاينى سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان نامايىشقا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋۇكەن كەنتىدىكى توپىلاڭنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر ھەپتىدىن ئاشتى. رايون خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان. ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەندىن سىرت، توك ۋە سۇ مەنبەسى ئۈزۈۋېتىلگەن. خەلقنىڭ ئاشلىق تەمىناتىمۇ ئازلىغان. نامايىشچىلار ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى ئېلان قىلىۋاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانى 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان. خەلق كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، ساقچى-ئەسكەرلەرنىڭ باستۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرماقتا.

ۋۇكەندىكى توپىلاڭ يەر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ يېتەكچىسى شۆ جىنباۋ ئالدىنقى كۈنلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، نامايىشچىلارنىڭ غەزىپى يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەن. ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدىكى بوغۇلغان ئىز، بەدىنىدىكى جاراھەتلەر ئۇنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئەمدى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىدىغان، ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتكە ئايلانغان. 1989-يىلىدىن بۇيان خىتايدا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان. فرانكفورت مۇنازىرە گېزىتى 15-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، «ۋۇكەندىكى توپىلاڭ زېمىن زوراۋانلىقى ۋە چېرىكلىككە قارشى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۈگۈن ئۇ تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتتە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىدىغان ھەم مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىلغار ھەرىكەت ئايلاندى، بۇ 1989-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش» دېدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان «ۋۇكەندىكى قارشىلىق نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ يەرلىك قارشىلىقنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ زوراۋان ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ۋۇكەن ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خىتاي تور بەتلىرىدە بىردەك چەكلەنگەن. خىتاي خەلقى سىرتتىن كىرىۋاتقان خەۋەرلەردىنلا بولۇۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ۋۇكەن شەھىرىدە ئەنگلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مالكولم موئورە ئىسىملىك ئەنگلىيىلىك بىر مۇخبىر ياشىماقتا. بۇ كىشى ۋۇكەندە ۋەقە يۈز بېرىشكە باشلىغاندىلا بۇ رايونغا كىرىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن نەق مەيدانغا كىرىشكە ئۇرۇنغان چەتئەل مۇخبىرلىرى سېزىلىپ قېلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي شىنجىنغا قايتۇرۇۋېتىلگەن. مۇخبىر موئورەنىڭ كامېراغا ئالغۇچى شېرىكىمۇ رايونغا كىرەلمىگەن. گېرمانىيىلىك مۇخبىرلارمۇ تۇتۇۋېلىنىپ، رايوندىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. موئورە ئەپەندى ھازىر ۋۇكەندىكى ۋەقەنى نەق مەيداندىن سىرتقا ئاشكارىلاۋاتقان بىردىن-بىر مۇخبىر بولۇپ قالغان.

«ۋۇكەندىكى قارشىلىق نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا 180مىڭ قېتىم ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يەر-زېمىننى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ چېرىكلىكى، باي-كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ بېرىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىلىرى سەۋەب بولغان. بىراق، بۇ پۈتۈن قارشىلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىردەك باستۇرۇلغان. خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى ئىزچىل مەغلۇپ بولغان. خىتايدا ئەرەب باھارىغا ئوخشاش ئورتاق بىر شوئار ئاستىدا پۈتۈن مەملىكەتكە يېيىلغان ئاممىۋى ھەرىكەت دولقۇنى ھاسىل بولمىغان. شەنۋېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى زېڭ يەنشيۇڭ ئالدىنقى كۈنى «ئەگەر بۇ ۋەقەگە چەتئەل كۈچلىرى ئارىلاشمىغان بولسا، ۋەقەنى ئاللىبۇرۇن بېسىقتۇرۇپ بولاتتۇق» دېگەن.

ئاۋسترىيە ئاخبارات گېزىتى 15-دېكابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ۋەقە توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىنىشى سەۋەبلىك، بۇ ۋەقەنىڭ مەملىكەت كۆلەملىك ۋەقەگە ئايلىنىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە بىر غەرب كۆزەتكۈچىسى لىبېرتال ئەپەندى «بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەبرىگە ئۇزىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇكەندىكى ۋەقەنىڭ كېڭىيىش ئېھتىمالى تۆۋەن» دەپ قارىغان.