ۋۇكەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلام خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ئۆتكەن ئايدا ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، خىيانەت قىلغان يېزا كادىرلىرىنى كەنتتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دېموكراتىك ھالدا سايلام ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇكەن كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، كەنتتىكى 7000 دېھقاننىڭ ھەر بىرى بىردىن بېلەت تاشلاش شەرتى بىلەن كەنت ھەيئەتلىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۆزىنى كەنت ھەيئىتى قىلىپ كۆرسەتكەن 40 نەچچە كىشى ئىچىدىن 11 نەپەر كەنت ھەيئىتى سايلاپ چىقىلىدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋۇكەن كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كەنت ھەيئەتلىرى سايلىمى ھەققىدە خەۋەر بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغان ئەھۋالدا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىقلاردا شۇنداقلا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ۋۇكەن كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بېرىلدى.

مەتبۇئاتلاردا ۋۇكەن سايلىمىغا باھا بېرىلىپ، «ۋۇكەن كەنتىدىكى سايلام سىياسىي مەقسەتتىن خالى سايلام»، «ۋۇكەنچە يېڭى مودېلدىكى دېموكراتىك سايلام» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەندى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى مۇلاھىزىسىدە بېيجىڭدىكى ئاممىۋى تەشكىلات قانۇنى تەرتىپلەرنى بەلگىلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى شيۇڭ ۋېي ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ۋۇكەندىكى دېھقانلارنىڭ كەنت ھەيئىتى سايلىمىنى سىياسىيدىن خالى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى سايلام تەرتىپىنىڭ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن مودېل بويىچە ئېلىپ بېرىلغان» لىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتاي تىلى ۋە گۇاڭدۇڭ شېۋىسى بۆلۈمىنىڭ ۋۇكەن سايلىمى ھەققىدىكى خەۋىرىدە بولسا، بۇ قېتىم ۋۇكەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلامنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يېزا كادىرلىرىنى كەنتتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ۋۇكەن كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمىدى. زور كۆپچىلىك دېھقانلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چېن فامىلىلىك دېھقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «40 يىلدىن بۇيان ۋۇكەن كەنتىدىكى دېھقانلار تۇنجى قېتىم ھېقىقى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ باردى. چۈنكى مەن بۇ ئۆمرۈمدە تېخى بۈگۈنكىدەك سايلام ئۈچۈن تاشلىنىدىغان بېلەتنى ئوز قولۇمدا تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم. ئىلگىرىكى سايلاملاردا كەنت باشلىقىنى يۇقىرىدىن بەلگىلەپ بېرەتتى. بىز پەقەت بەلگىلەپ بېرىلگەن بىرقانچە نامزاتقا بېلەت تاشلايتتۇق. ئەمما كەنت باشلىقلىق ھوقۇقىغا يەنىلا يۇقىرى ئالدىنالا بېكىتكەن كىشى ئېرىشەتتى. ئىلگىرىكى كەنت باشلىقىمىز يۇقىرى بەلگىلىگەن كەنت باشلىقى بولغىنى ئۈچۈن، كەنتتىكى دېھقانلارغا ئەزەلدىن كەنت مالىيىسى ھەققىدە ھېساب بەرمەيتتى» دېگەن. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئايال ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، «ئەلۋەتتە مەن بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۆزۈمگە تېگىشلىك بولغان بېلەتنى تاشلايمەن. ئەمما ئىلگىرىكى پارىخور يېزا كادىرلىرىنىڭ تەسىرى ھېلىمۇ كەنتىمىزدە كۈچلۈك. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، ئۇلار ئۆزلىرىنى قوللايدىغان يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، كەنتتىكى ئاساسلىق ھوقۇقنى ئىگىلىۋالامدىكىن دەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ۋۇكەندىكى دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندىن بۇيان خىتاي يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق كەنت باشلىقى قاتارلىق يېزا كادىرلىرىنى سايلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى باشقا خەۋەرلەر بېرىلگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇكەندىكى دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ھەققىدە خەۋەر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ھەم خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ كەنت باشلىقلىرىنى ئۆزلىرى سايلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن ئايدا ۋۇكەندە يۈز بەرگەن دېھقانلارنىڭ پارىخور چىرىك يېزا كادىرلىرىنى كەنتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىن خالى بولغان بىر زېمىننى بەرپا قىلىشى خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت تۇتقاندىن بۇيان ھېچ بولمىغان يېڭىلىق. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرىشى ۋۇكەندە يۈز بېرىۋاتقان دېموكراتىك ھەرىكەتلەر تەسىرىنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىز ھالقىلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنە ۋۇكەندىكى دېھقانلار سايلىمىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈشىدىكى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى ئارزۇ قىلىنغان مۇلاھىزىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مۇلاھىزىلەردە خىتايدا بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سايلىمى ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتاي پۇقرالىرىغا بىرقەدەر ئازادە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلىپ، خىتاينىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا بولغان ئۈمىد ھەم ئارزۇلارمۇ ئىپادىلەنگەن.