خىتاي خەلقئارا بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

14 - ماي خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت ئۇچۇر - ئالاقىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار بۇنى "پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قىلغان غەمخورلۇقى" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىنتېرنېتنىڭ ئېچىۋېتىلىشى دىققەتنى تارتماقتا.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.05.14
Uyghur-elide-internet-eslige-kelgen-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 14 - ﻣﺎﻱ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯘﭼﯘﺭ - ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / XinYu

5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قىسىم تور بەتلىرى قەدەممۇ - قەدەم ئېچىلغان. ھالبۇكى، ئىنتېرنېت تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىگەن ئىدى. 14 - ماي، يەنى " ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بىز بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ۋە ئىنتېرنېتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ساغلاملىق بۇيۇملىرى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارالىق چوڭ تور بەتلەردىن "يوتۇب" (youtube) ۋە "فېيسبۇك" (facebook) قاتارلىق تور بەتلەر ۋە بىر قىسىم سەزگۈر تور بەتلەر يەنىلا ئېچىلمايدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت راۋانلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم تور بەتلىرىنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

"ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر -ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا "ئۇيغۇر خەلقىنى كەمسىتكەنلىك" دەپ باھا بەرگەن ۋە "خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە دائىر ئەمەلىي پاكىتلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

14 - ماي " شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "ساغلام، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى" ماۋزۇلۇق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشى" 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش، جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئېلىنغان توغرا بىر تەدبىر" دەپ باھا بېرىلدى. خەۋەردە يەنە، "ئىنتېرنېتنىڭ ئېچىۋېتىلىشى پارتىيىنىڭ خەلقنىڭ رايىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلققە غەمخورلۇق قىلىپ، خەلقنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يۇقىرىقى سۆزلەرگە باھا بەردى. ئۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى ئېچىۋېتىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمى، بولۇپمۇ ھازىر ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

"شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، "ئىنتېرنېتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان زور تارىخى پۇرسىتى ئالدىدا شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ بايان قىلىنغان. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا بۇ قاراشلارغا باھا بېرىپ، يالغۇز ئىقتىسادنىڭلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.