ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، uygurlar.net ۋە uyghurweb.net قاتارلىق ئۇيغۇرچە تورلارنىڭ ساھىبى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇشىنى ئاۋۋال دادىسىدا، ئاندىن پاكىستان ۋە مىسىرلاردا تاماملىغاندىن كېيىن ھاياتىنى مىللىتىگە خىزمەت قىلىش يولىغا ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمى 70 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب نەشىر قىلىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تارقاتقان.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " "ئىسلام دىنىدىكى ھالال - ھارام، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلار" ناملىق بۇ ئەسەر نەشىردىن چىقتى. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلۇپ كەلگەن، " ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى، ئىسلام ئەقىدىلىرى، ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەن ئاخىرقى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىتابنى كەڭ ئۇيغۇرلارغا تارقاتتۇق."
بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" بۇ كىتابنىڭ خېلى كۆپ ئالاھىدىلىكلىرى بار. مەن ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بېرەي، بىرىنچىدىن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ يازغانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايىتى ياخشى، ئاپتورنىڭ باشقا كىتابلىرىنىڭمۇ تىلى ياخشى ئەمما بۇ كىتابنىڭ تىلى ئالاھىدە ياخشى چىققان. ئىككىنچىدىن بۇ كىتاب چۈشىنىشلىك، ھەركىم چۈشىنەلەيدىغان، ئۇيغۇر تىل قائىدىسىگە مۇۋاپىق بولغان دەلىل ئىسپاتلارنى ئاز كەلتۈرۈپ ئىخچام ھازىرلانغان."
بۇ كىتابنىڭ سىلاۋيانچىسى يېقىندا نەشىردىن چىقىدۇ
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ يېقىندا سىلاۋيانچى نۇسخىسىنىڭمۇ نەشىردىن چىقىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" بىز 2000 - يىللاردىن بۇرۇن بىر قانچە پارچە سىلاۋيانچە كىتاب چىقارغان بولساقمۇ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىش ئىشىنىڭ قىيىنلىقىدىن قايتا چىقارمىغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ كىتابنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ، بۇ كىتابنى نۇقتىلىق بىر كىتاب دەپ ساناپ ئۇنىڭ سىلاۋيانچى نۇسخىسىنىمۇ نەشىر قىلىشنى ئويلاشتۇق. ئۇنى نەشىر قىلىپ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دوستلارغا ئەۋەتىپ بېرىمىز.
ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىنىي كىتابلارغا ئېھتىياجى كۆپ
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ياۋروپادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىتاپلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى بار. چۈنكى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي كىتاپلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا دىنىي كىتاپلارغا زور ئېھتىياجلىق بولماقتا."