زامانىمىزدا خائىن سۆزى ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلارنى، ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خائىنلار ۋەتەن ۋە مىللەتنى غاجايدىغان چاشقانلار، مىللەتنىڭ گۆركارى، خەلقنىڭ قېنىنى شورىغۇچى ئەبلەخلەردۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراخمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇراخمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراخمان ھاجىم مۇنداق دېدى:" مىللەتنىڭ ئىپتىخارى بولۇشقا تېگىشلىك زور تۈركۈمدىكى قابىلىيەتلىك يازغۇچىلار بىلەن شائىرلار ئۇلارغا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل - پاراسەت ۋە مول بىلىملىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەتمەي كەلمەكتە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بولغان مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامدەك ئالىم بولغان، ئاق - قارىنى بىلىدىغان بىلىمدارلار تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ھەرگىزمۇ تۈگەپ كەتكىنى يوق. ھازىرقى زاماندا بىزنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. ئەمما تۈگەپ كەتكەن نەرسە ئۇلاردىكى ئىمان - ئېتىقاد، ۋىجدان ۋە جۈرئەتتۇر. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن تىرىكلەر قاتارىدىن بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتە ئۆلۈكلەردۇر! زادى ئۇلارنىڭ خەلققە پايدىسى بولمىغان ئىكەن، ئۇلار ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ."
خائىنلارغا ياخشى كۈن بولمايدۇ
ئابدۇراخمان ھاجىم مۇنداق دېدى:" خائىنلار مەيلى ئۆزىنىڭ قەۋىم - قېرىنداشلىرى، مەيلى ئۆزلىرى ئىشلىگەن خوجايىنلىرى تەرىپىدىن ھەرگىزمۇ ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى خائىن - مىللىتىدىن تانغان نانكور بولغانلىقتىن، ئۇنى باشقىلار ئەمەس، ئۆزىنىڭ قەۋىم - قېرىداشلىرىمۇ سۆيمەيدۇ. ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ قەۋىم - قېرىنداشلىرىدىن تانغان، ئۇلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىنلارنى ئىشلەتكەن خوجايىنلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى، نانكورلىقىنى، ۋاقتى كەلسە خوجايىنلىرىنىمۇ سېتىپ قويىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ۋاقتىنچە ئىنئاملارنى قىلىپ تۇرۇپ خىزمەتلىرىگە سېلىپ بولۇپلا، ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا كىرىدۇ. دۇنيادا خائىندەك پەسكەش، زىيانكار، نومۇسسىز ۋە ئەخمەق مەخلۇق بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولايدۇ ئەمەسمۇ؟!"
ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەسچىتلەرگە كىرگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چېقىپ قويۇش، ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكى بىلىنىپ قالغان ئاياللارنى دەرھال مەلۇم قىلىش، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاش، ياراتقۇچىسىنى تونۇش يولىدا مەخپىي ھالدا دىنىي بىلىم ئوقۇغانلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ بېرىش ۋە باشقىلار قاتارلىق خائىنلىق تۈرلىرىنى سادىر قىلىدىغانلار مەلئۇنلاردۇر.