خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېت خەت ئالاقىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك خەت ئالاقىسى كۆپ قولايلىقلارغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، كىشىلەرنىڭ شەخسى خەت ئالاقىلىرى، ھۆججەت ماتېرىياللىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كېتىدىغان ياكى كومپيۇتېرغا ۋىرۇس كىرىپ، كومپيۇتېر ئىشلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپەيمەكتە.

بىز كانادادىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئۆمەرجان ئەپەندى بىلەن "خاككېرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟" دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىز مەزمۇنى:

1. خاككېرلار كىملەر؟ ئۇلار كىشىلەرگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟

2. خاككېرلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېلخەت ۋە تور بەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ كۆپ ھۇجۇملىرى قايسىلار؟

3. ئېلخەتتە ۋىرۇس بارلىقىنى قانداق بايقايمىز؟ ۋىرۇسلانغان كومپيۇتېردا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟

4. ۋىرۇسلانغان ئېلخەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

5. كومپيۇتېر ۋىرۇسلانغاندا قانداق ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك؟ دېگەن تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقىرقىلاردىن باشقا سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئۆمەرجان ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە نىسبەتەن قامال يۈرگۈزۈۋاتقان شارائىت ئاستىدا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى كىرىشنى چەكلىگەن تور بەتلىرىگە قانداق ئۇسۇللار بىلەن كىرەلەيدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.