2011-يىلى 20-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا پائالىيەتچىلەر، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى، سپ پارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى خارىي فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەتكە، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى تېمتسىلتۇ شوبتسود ئەپەندى، دېموكراتىك پائالىيەتچىسى ۋېي گواڭجوڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى، گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مونا جىمىنتاڭ خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

سۆھبەت ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر، گوللاندىيىدىكى ئىلتىجا ئىشلىرى ھەل بولمايۋاتقان پاناھلانغۇچىلار ۋە بۇ قېتىم يېڭى ئېلان قىلىنغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئائىت فىلىمنى مەركەز قىلغان ئۈچ ئاساسى نۇقتىغا مەركەزلەشتى.
فىلىم سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىغا نەق مەيداندا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن دېگۈدەك قاتتىق غەزەپلەندى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
خىتاي دېموكراتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مونا جىمىنتاڭ خانىم مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ: ئىنسانلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ھاقارەتنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاجىزلىق قىلىدۇ، دېدى.
پارلامېنت ئەزاسى خارىي فان بوممېل ئەپەندى فىلىم ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئىپادىلەپ: بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بىر ھەرىكەت بوپتۇ، دېدى.