خىتايلار ئۇرۇپ قىينىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيىدە بەس-مۇنازىرە قوزغىدى

تۈركىيىنىڭ چوڭ گېزىتلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا خىتايلار ۋەھشىيلەرچە قىينىغان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلدى ۋە بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيىدە بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق سىنئالغۇ تور بېتى youtube.Com دىن نەقىل قىلىپ تارقىتىلغان بۇ سىنئالغۇ لېنتىدىكى 10 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى بىر بۆلۈك خىتايلارنىڭ ئۆلگىدەك ئۇرۇشلىرى، قولىغا دەسسەپ ئىزىشلىرى، بېشىغا تېپىشلىرى، ئەتراپتا شۇنچە كۆپ ئادەم بولسىمۇ، ئۇ كىچىك بالىنىڭ نالە-پەريادلىرىغا ھېچكىمنىڭ پەرۋا قىلماي كۈلۈشلىرىدىن ئىبارەت ناچار قىلمىشلىرى تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرەتلىرىنى قوزغىدى. بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقىتىلغاندىن كېيىن تۈركىيىدە بەس-مۇنازىرە قىلىندى. خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلەر كۆپەيدى.

بۇ سىنئالغۇ فىلىم ئىخلاس ئۇچۇر ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى خىتايلار ئۇرۇپ قىينىدى»، «ئۆيغۇر ئۆسمۈرگە خىتاي زۇلۇمى»، «بۇنى قانداق ئىنسانلىق دېيىشكە بولىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا تارقىتىلدى. تۈركىيىنىڭ ۋەتەن، ساباھ، مىللەت، ئاخشام قاتارلىق گېزىتلىرىدە بۇ سىنئالغۇ لېنتىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالدى ۋە مەزكۇر گېزىتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتىنى خىتايلار ئۇرۇپ قىيناۋاتقان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىندى.
خەۋەر7 تور بېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە كىچىك بىر بالا بىر گۇرۇپپا ئىنسانلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇلماقتا. تاياق يەپ نالە قىلىۋاتقان كىچىك بالا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇرۇۋاتقانلار ۋەھشىي خىتايلار دېيىلگەن.

بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈش ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ تور بېتىدە 52522 قېتىم كۆرۈلگەن ۋە ئۇ تور بېتىدە بۇ ھەپتە ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى بولۇپ رىكورد ياراتقان. خەۋەر7 تور بېتىدە بۇ سىنئالغۇ 30649 قېتىم كۆرۈلگەن ۋە 95 كىشى ئىنكاس يازغان. ساباھ گېزىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى 37019 قېتىم كۆرۈلگەن. 149 كىشى ئىنكاس قايتۇرغان.

ساباھ گېزىتىنىڭ تور بېتىدە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىنسان ئوغلى قانداقمۇ بۇ خىل ۋەھشىيلىكنى قىلالايدۇ، بۇ بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئىش قىلايلى. ئەلىف ئىسىملىك بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: ئى ئاللاھ ئۇ بالىغا سەن ئىگە چىققايسەن!، مىللىتى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ خىتايلار قۇرت-قوڭغۇز، مۈشۈك ۋە ئىت يەۋېرىپ ئىنسانلىقتىن چىقىپتۇ. خاقان ئىسىملىك بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: ئىنسانلىقتىن تېگىشلىك ھەسسىسىنى ئالمىغان خىتايلار، دۇنيانىڭ بېشىغا بالا بولىدىغان مىللەت. ھايۋانلارنى تىرىك تۇتۇپ كېسىپ يىگەنلەرمۇ بۇلار. بۇلارنى ئىنسان دېيىشكە بولمايدۇ، بۇلار ئادەم گۈشى يەيدىغان مەخلۇقلار. بىر ياندىن ئۇرۇپ قىيناۋاتسا يەنە بىر ياندىن كۆلۈۋاتىدۇ، مىللەتچىلىك دېگەن مۇشۇنداق ناچار ئىللەت.

باشقا بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: ئەينى زاماندا چىنگىزخان كىچىك ۋاقتىدا، خىتايلار چىنگىزخاننىڭ قەبىلىسىنى شۇنداق ئىسكەنجە ئارقىلىق قىينىغان ئىكەن. كېيىن چىنگىزخان چوڭ بولۇپ خان بولغاندا تۇنجى ئىشى خىتايلاردىن ئىنتىقام ئىلىش بولغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ كوچىلىرىدا نەچچە ئاي قان ئاققۇزۇپ قەتلىئام قىلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خىتايلار ئۈچۈن يېڭى بىر چىنگىزلەر كېلىدۇ.

باشقا بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: ئۇ بالا گەرچە خاتا ئىش قىلغان تەقدىرمۇ، ئۇنى ئۇرۇش-قىيناش بىر ئىنسان ئۈچۈن مۇناسىپ ئەمەس، مىللىتى نېمە بولسا بولسۇن، بىر ئىنسانغا بولۇپمۇ بىر كىچىك بالىغا بۇنچىۋالا ۋەھشىيلىك قىلىنماس. تۈركىيە بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلما، ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.

يەنە بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: خىتايلار دۇنيادا ئەڭ مىللەتچى مىللەت. ئۆز تىلىدىن باشقا بىر تىلدا سۆزلىشىشنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى دەرس بولىدۇ. بۇ ئىنكاسنى 51 كىشى قوللىغان.

باشقا بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: قەيەردە، ئۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى؟ بۇ ئىنسانلار ھايۋان ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دۇنيانى تىتىرىتىدۇ، ئەمما بۇ خىل جىنايەتلەرگە نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟ بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاشىكارىلاندى.

ئەخمەت ئىسىملىك بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: بۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرغان خەلقنىڭ ھايۋاندىن پەرقى بارمۇ؟ بۇ ئىنكاسلىرىمىز، خىتاي ئەلچىخانىسى، دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن ئوقۇلىدۇ. مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەك قايغۇلاندىم. يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: بۇلار، كوممۇنىست، ماركىس مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مېۋىلىرى. خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشتا يەنە بىر قېتىم ئويلىنىش كېرەك.

يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: مەن بۇ سىنئالغۇنى كۆرۈپ ئۇ بالىنىڭ ئورنىدا ئۈزەم تاياق يەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ئىمكانىيىتىم بولسا ئىدى، ئۇ يەرگە بېرىپ، ئۇ بالىنى ئۆز بالامدەك باغرىمغا بېسىپ قوغدىيالىغان بولسام. ئەي خىتايلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ مىڭ تۈرلۈك جازاڭلارنى بەرسۇن!. ھەممىڭلار يوقىلىڭلار. خىتاي ئىسكەنجىسى دېگەن مانا بۇ. خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى.

باشقا بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازغان: بۇ سىنئالغۇنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىمەن. بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، ھايات بولسا ئۇلارنى تېپىپ تۈركىيىگە كەلتۈرەيلى، ئۇ يەردە بىخەتەر ياشىيالمايدۇ.

بۇ ھەقتە مىللەت گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى سانىدا «خىتايلار ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئۇرۇپ قىينىدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە مۇنداق باشلانغان: بۇ سىنئالغۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم چوقۇم، بۇلار قانداق ئىنسان! بۇنداق بىر ۋەھشىيلىك ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس دەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە خىتايلار توپلانغان بولۇپ، خۇددى فىلىم كۆرۈۋاتقاندەك كىچىك بالىنى قىيناشلارنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلار، ماتېرىئالىزم، كوممۇنىزم ۋە دارۋىنىزم ئىدىيىسى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن ئىنسانلار. ھايۋاندىن بەتتەر، ۋەھشىيلىك بىلەن ئىنساننى قىيناشتىن رەھىمسىزلەرچە كۆلۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. مەن بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىمىز ئابدۇللاھ گۈلگە ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا، پۈتكۈل مىنىستىرلارغا، مۇخالىپەت لىدەرلەرگە ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا خىتاب قىلىمەنكى. بۇنچىۋالا بىر ۋىجدانسىزلىق ئالدىدا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايلى! بۇ ۋەھشىيلىك ھەرگىزمۇ سۈكۈت بىلەن كەتمەيدۇ. بۇنى كۆرگەن ۋىجدانلىق ئىنسان ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياشاشنى داۋام قىلالمايدۇ، پەلەستىندىكى مۇسۇلمان خەلقنى قوغدىغان تۈركىيە، خىتايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگىمۇ چوقۇم ئىگە چىقىشى كېرەك. تۈركىيە دەرھال بۈيۈك تۈرك ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىمىغىچە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھشىيلىكلەر داۋام قىلىدۇ. ھەر بىر تۈرك پۇقراسى قولىنى ۋىجدانىغا قويسۇن، ئۆزىنى ئۇ بىچارە، مىسكىن، ئىگە-چاقىسىز قالغان، ئاچ، سۇسىز، يېتىم قالغان، ئانا يۈرتىدىن سۈرگۈن قىلىنغان زۇلۇم ئاسىتىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باقسۇن ۋە چوقۇم تۈرك-ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسۇن!

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈن بۇ تۈرك بىرلىكى ئۈچۈن ھېچ تىرىشچانلىق قىلمىغانلار، بىچارە ئىگە-چاقسىز قالغان بۇ ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋاتقان كىشىلەر چوقۇم بۇنىڭ ھىسابىنى بېرىدۇ. بۇ زالىم كوممۇنىستلار ئۇيغۇرلارغا نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل دەھشەتلىك زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قايتا تەكرارلايمەن. ئەگەر دۇنيادا مۇسۇلمانلار بىرلىكى بولمىسا، تۈركىيىنىڭ باشچىلىقىدا تۈرك-ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلمىسا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى داۋاملىق ئىزىدۇ ۋە يوق قىلىدۇ. بۇ زۇلۇمنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغانلار چوقۇم زالىمغا ئوخشاشلا جىنايەتچى بولىدۇ. سەزگۈر، ۋىجدانلىق، ھەر زامان مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولغان دۆلىتىمىز دەرھال ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشى كېرەك.

بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى يوتۇب تور بېتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، تۈركىيە ۋە باشقا خەلقئارالىق تور بېكەتلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سىنئالغۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.