خاررىي خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مۇخبىرىمىز ئەركىن لاۋگەي مۇزىيىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن خاررىي ۋۇنى زىيارەت قىلىپ، بىڭتۈەن ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى.
ئامېرىكىدىكى "جۇڭگو لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى" نىڭ مەسئۇلى خاررىي ۋۇ ياكى ۋۇ خوڭدا ئىسىملىك بۇ شەخس ئۇيغۇرلارغا تونۇش ئىسىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تونۇشلۇقى 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا خاررىي ۋۇنىڭ "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى" گە قىزىقىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان كەچۈرمىشى بار. خاررىي ۋۇنىڭ شۇ قېتىمدا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشتىكى پىلانى "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى" ۋە رايوندىكى ئەمگەك لاگىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدى.
1980 - يىللاردا ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خاررىي ۋۇنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى ئاساسلىقى خىتاينىڭ لاۋگەي تۈزۈمى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدۇر. ئۇ 1990 - يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بانكىسى ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا بەرگەن قەرز پۇلنى بىڭتۈەنگە خەجلىۋالغانلىقىنى بايقاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۇ قېتىم خاررىي ۋۇ ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ لاۋگەي سېستىمىسى، ئەمگەك لاگىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ئاساسى تېما قىلىنغان " لاۋگەي مۇزېيى" ئاچقان. مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ غەربىي شىمالى رايونىدىكى 3 قەۋەتلىك كىچىك بىر بىنانىڭ 1 - قەۋىتىدىكى "لاۋگەي مۇزېيى"نى زىيارەت قىلىپ، خاررىي ۋۇ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. پارىڭىمىزنىڭ ئاساسى تېمىسى مۇزېي، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك لاگىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە بىڭتۈەن ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئىدى.
خاررىي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغان 1 - سۇئالىمىز "ئۇيغۇر ئىلى تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەڭ كۆپ جاي، لېكىن مۇزېيغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك لاگىرى ۋە تۈرمىلەرگە دائىر رەسىم ۋە ماددىلار بۇيۇملار قويۇلمىدى دېگەن بولدى. خاررىي ۋۇ بۇ سۇئالىمىزغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك لاگىرى، تۈرمە ۋە بىڭتۈەن ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللار بارلىقىنى، لېكىن مۇزېيغا قويماسلىقىدىكى سەۋەبى قويۇشنى خالىمىغانلىقى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭ سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىمنى ئېيتماي سىلەرنىڭ مېنى ئۈمىدسىلەندۈرگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. مەن تۈنۈگۈن رابىيە خانىم بىلەن سۆزلەشتىم. مەن رابىيە خانىم بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ھەر قېتىم شىنجاڭدا 2 مەسىلە بارلىقىنى، بۇنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇنىڭ بىرى، بىڭتۈەن، يەنە بىرى يادرو بومبىسى. جۇڭگو يادرو سىنىقىنى توختاتتى، لېكىن ئۇلار يادرو سىنىقىنى قانداق ئېلىپ بارغان؟ سىلەردىكى جىگەر كېسىلى، خولىرا دېگەنلەر نېمە ؟ ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئۈستىدە ئىزدەنمىدى؟ شىنجاڭ بىڭتۈەنى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى. مەن ميۇنخېن، ئالماتا ۋە ئىستانبۇللارغا باردىم. ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدىم. مەندە شىنجاڭغا ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللار بار ئىدى".
خاررىي ۋۇنىڭ لاۋگەي مۇزىيىغا قويۇلغان ماتېرىياللار ئاساسلىقى مەھبۇسلارنىڭ رەسىمى، تۈرمە، ئەمگەك لاگىرلىرىنىڭ خەرىتە ۋە رەسىمى، مەھبۇسلارنىڭ كىيىم - كېچىكى، مەھبۇسلار قوللانغان بۇيۇملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇزېيدا ئۇيغۇرغا ئائىت پەقەت ئىككىلا رەسىم بار ئىدى. بۇنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، يەنە بىر خىتاي تۈرمىسىدىكى تارىخشۇناس توختى مۇزاتنىڭ رەسىمى ئىدى. خاررىي ۋۇ مۇخبىرىمىزنىڭ " ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللار بار دەيسىز، لېكىن بۇ ماتېرىياللارنى مۇزېيغا قويماپسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ باقامسىز ؟ " دېگەن سۇئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: "مەن راست قويمىدىم، بۇ ماتېرىياللارنى مۇزېيغا قويماسلىقىم، قويۇشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس .... بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرمەك ناھايىتى قىيىن. لېكىن مەن بۇ ماتېرىياللارنى چوقۇم بىر كۈنى كۆرگەزمىگە قويىمەن."
لوگەي مۇزېيى ئامېرىكا Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتى تەسىس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، خاررىي ۋۇ مۇزېيغا قويۇلغان ماتېرىياللارنىڭ يالغۇز خىتاي لوگەي سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارىخىغا ئائىت بۇيۇملار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، مۇزېيغا يەنە خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان ۋە يېتىۋاتقان سىياسى ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ شەخسى كەچۈرمىشىگە ئائىـت ماتېرىياللار قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتى ئىلگىرى خىتاي تور بېكەتلىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ماقالە ۋە ئوبزور يازىدىغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، خىتاي شائىرى شى تاۋغا ئوخشاش ئۆكتىچى زاتلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. مەزكۇر شىركەت يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەسىس قىلىپ، تورغا چىققۇچىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى قوغدايدىغانلىقىنى، پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خاررىي ۋۇ لوگەي مۇزېيىدىكى سۆھبىتىمىزدە يەنە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ۋاستىسى ۋە قورالىدۇر. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا گۇلاگلار بار ئىدى، جۇڭگودا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى بار. لوگەي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر سىز ئەركىن دېموكراتىك دۆلەت بولسىڭىز، سىزدە لوگەي تۈزۈمى بولمايدۇ. لوگەي تۈزۈمى بار بولسا سىزنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەت ئەمەسلىكىڭىز چوقۇم. كومپارتىيە لوگەيسىز مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ.....مەن ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتسام دائىم كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەيسىلەر، لېكىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى لوگەي تۈزۈمىنى نىمىشقا سۆزلىمەيسىلەر، دەپ سورايمەن."
خاررىي ۋۇ يەنە، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى بىلەن ئىچكىرىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ پەرقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگىرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىگەن خاررىي ۋۇ، " ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار. بۇ ئالاھىدىلىك شىنجاڭ رايونىدا ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكىلىك تۈرمىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تۈرمە بار، ئۇ بولسىمۇ بىڭتۈەن. مەسىلەن، شىنجاڭ 1 - تۈرمە، 3 - تۈرمە دېگەنلەر ئۆلكىلىك تۈرمىلەر. بىڭتۈەننىڭ ئۆز ئالدىغا تۈرمە سېستىمىسى بار. بىڭتۈەن ئاپتونوم رايونغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئورگان. شىنجاڭدا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىككى سېستىما تەڭ مەۋجۈت. سىز بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىمەي تۇرۇپ باشقا مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرەلمەيسىز. بۇ نېگىزلىك بىر مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى.
خاررىي ۋۇ خىتاينىڭ ھازىرقى لوگەي تۈزۈمىدە مەۋجۈت نېگىزلىك ئىككى مەسىلە مەۋجۈت. بىرى، لوگەي تۈزۈمى ئاستىدا بىر ئادەم مەيلى ئۇ جىنايى ئىشلار گۇماندارى بولسۇن ۋە ياكى سىياسى مەھبۇس بولسۇن ئادىلانە سوتلىنامدۇ، دېگەن مەسىلە. يەنە بىرى، تۈرمە ئىچىدە ئۇچرايدىغان مۇئامىلە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ لوگەي تۈزۈمى ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ لوگەي تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭ تۈرمە سېستىمىسى بىلەن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى" نىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خاررىي ۋۇ، بىڭتۈەننىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خاررىي ۋۇ مۇنداق دەيدۇ، "مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي. بارېن ۋەقەسىنى بىلىسىز، بارېن ۋەقەسىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كىم ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى ؟ بىڭتۈەن. بىڭتۈەن پۈتۈن يوللارنى قامال قىلدى. باستۇرۇش، ئادەم تۇتۇش ئىشلىرىنى ئازادلىق ئارمىيە ئېلىپ باردى. لېكىن بىڭتۈەن بولمىغان بولسا ئۇلارنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مېنىڭ ئىنىم بىڭتۇەندە ياشايتتى. بىڭتۈەن دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئاتالمىش نانقېپىلارنى ئاساس قىلاتتى، يەنى ئاساسىي قاتلام كومپارتىيىلىك بولمىغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان ئىدى. مەقسەت نېمە ئىدى؟ ئىچكىرىدىكى بۇ كىشىلەرنى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنى چېگرا رايونغا قوغلىۋېتىش ئىدى. ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز بىر يەرگە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردا بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە خەنزۇلار قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. مەيلى بۇ خەنزۇلار كومپارتىيىگە قارشى ئاتالمىش نانقېپىلار بولسۇن، ياكى كومپارتىيىنىڭ باستۇرۇش نىشانى بولسۇن، ئۇلار ۋاقتى كەلسە ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان بىر كۈچ بولالايتتى..."
لوگەي مۇزىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن مۇزېينىڭ ئېچىلغانلىقىغا باھا بەرمىگەن. ئەلچىخانا باياناتچىسى"جۇڭگونىڭ بىر قانۇن دۆلىتى"ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ قانۇنلار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.