ھەزرەتى ئەلى ئۈرۈمچىدە خاتا داۋالاش تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلدى

قەشقەردىن ئىستانبۇلغا كەلگەن بىر شاھىتنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىغا تەۋە بىر دوختۇرخانىسىدا يۈرەك كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كىرگەن مارالبېشىلىق ھەزرەتى ئېلى ئىسىملىك ئوغۇل بالا دوختۇرلارنىڭ خاتا داۋالىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە قازىنالماي، پەقەت 60 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بىلەن بولدى قىلىنغان. بىراق، بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 80 مىڭ يۈەن خەجلىگەن ئىكەن. بۇ ئەھۋال بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىستانبۇلدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلاننىڭ مەزكۇر شاھىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.