ئالماتادا مىللىي ئارمىيە بايرىمى خاتىرىلەندى


2005.04.08

8-ئاپرىل كۈنى ئالماتادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخمانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى.

خاتىرىلەشكە سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر – جەڭچىلىرى، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە شۇ ئاتراپتىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، قەھرىمان غوجامبەردى مىللىي ئارمىيە بايرىمى بىلەن بىرلىكتە يەنە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.