خەلق گېزىتىنىڭ تەھرىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى

خىتاينىڭ كومپارتىيە باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ئورگىنى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ تەھرىرى شۈ خۈەيچەن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى بىنادىن ئېتىپ ئۆلۈۋالغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان قاتتىق بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ۋەقە خىتايدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.24
peoples-daily-305.png خەلىق گېزىتى
Public Domain


تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلق گېزىتىنىڭ «يەرشارى» ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر سەھىپىسىنىڭ 45 ياشلىق تەھرىرى شۈ خۈەيچەن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى خىتايدىكى ۋېيبو تورىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا خىتايدىكى ئاخباراتچىلار ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ سەۋەب بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى شۈنىڭ تونۇشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىندىن بۇيان پىسخىك نورمالسىزلىق سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا «بىز ئويلىغىنىمىزنى سۆزلىيەلمەيمىز، سۆزلىسەكمۇ ئۇنى يازالمايمىز، يازساقمۇ ئۇنى ئېلان قىلىدىغان يەر تاپالمايمىز. بۇ ئەھۋال ماڭا قاتتىق بېسىم بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل يازغۇچى، ئاخباراتچىلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخباراتچىلارغا قارىغاندا كۆپ ئەركىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «گەرچە مەن مۇستەقىل ئاخباراتچىلارغا ھەۋەس قىلساممۇ، مەن بۇ سېستىمىدىن قول ئۈزەلمەيمەن. چۈنكى مەن چىقىپ كەتسەم، ئۇنىڭ بەدىلىنى ئائىلەم تۆلەيدۇ» دېگەن.

شۈ خۈەيچەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، خەلق گېزىتى ئۆز بلوگىدا شۈ خۈەيچەننىڭ ئۆلۈمىنى دەلىللەپ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقى ياخشى بولمىغانلىقتىن، دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى خەلق گېزىتىگە تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفونغا چىققان كىشى بىزنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرىمىز يوق، دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.

شۈنىڭ پىسخىكىلىق داۋالىنىشقا ھەم ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ جېنىغا قېيىشىغا ئاخباراتچىلار ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىدەك پەرەزنى كۈچلەندۈرۈدىغان يەنە بىر ئامىل بولسا، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلغان «ئۆلۈمۈم ئىسپات بولسۇن» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە شۇنداق دەپ يازغان «ئۆلۈم - بۇ ناھايىتى بىر ئېغىر سۆز. ئەمما جۇڭگودا نۇرغۇن ئىشلاردا سەن ئۆلمىگۈچە ھېچكىمنىڭ كارى يوق. خەلق ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتتە ھېچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، گەرچە شۈنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدە بىر خەت قالدۇرۇپ قويغان - قويمىغانلىقى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مانا يۇقىرىقىدەك سۆز ئىبارىلىرى خىتايدىكى ۋېيبو تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋەقەنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولدى. ۋېيبودا كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغالدى. خىتايدىكى مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى ئۆز بلوگلىرىدا ۋەقەگە قارىتا ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ «شۈنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى خىتايدىكى مۇخبىرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى يارقىن ھالدا يورۇتۇپ بېرىدۇ» دېدى ۋە تالانتلىق بىر ئاخباراتچىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كونا مۇخبىرلاردىن گاۋ يۈ بۇ ھەقتىكى بايانىدا «مەن خەۋەر يازغىنىمدا، كۆپىنچە ھاللاردا تەھرىرلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىمنى ئىپادە قىلالمايمەن. مەن جۈرئەت قىلىپ بىر نەرسە يازساممۇ، ئۇنى باسقۇزالمايمەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئاخباراتچى ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر روھىي بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال» دېگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى چىڭخۈي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق فاكۇلتىتى پروفېسسورى خۇاڭ لى سۆزىدە، شۈنىڭ پىسخىكىلىق ئەھۋالىنى ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان خىزمەت مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن :

خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئىسلاھات قەدىمى بۇنىڭغا ماسلىشالماي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۆتكۈرلىشىشكە ۋە سۈ يۈزىگە چىقىشقا باشلىدى. ھال بۇنداق ئىكەن، خىتايدىكى ئاخباراتنى باشقۇرىدىغان ئورگانلار ئاخباراتنى - ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، مۇقىملىقنى قوغدىماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ، ھەرخىل ئاۋازلارنىڭ، پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتنى ھەر تەرەپتىن بۇنداق قامال قىلىشى ئاخباراتچىلار ئۈچۈن ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ئاخباراتچىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەخلاقى بىلەن كۈن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىدىيىۋى كۈرەش ئاستىدا دېلىغۇل بولۇپ يۈرۈيدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىد ئوبىكتى بولۇپ كەلمەكتە. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن دەرىجىگە تىزىپ چىققان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي 179 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 5 ى يەنى 174 - ئورۇنغا تىزىلدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا، ھەتتا ئەتراپىدىكى تېخى 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قۇرۇلغان قىرغىزىستان، قازاقىستان ھەتتا تاجىكىستاننىڭمۇ كەينىدە قالدى.

كىشىلەر ھازىر 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان شى جىنپىڭدىن كېيىن، خىتايدا ياخشىلىنىش بولامدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىللاردا خۇ جىنتاۋ ۋەزىىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ كىشىلەردە ئوخشاش ئۈمىد پەيدا بولغان، ئەمما نەتىجە بولسا يەنىلا ئوخشاش ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر بېسىم شەكىللەنگەن بولۇپ، شۇڭا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭمۇ ئوخشاش سىياسىي يولنى داۋام قىلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.