جاڭ چۈنشەننىڭ بېيجىڭدا قىلغان سۆزلىرىنى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ گېزىتى ئەينەن باسمايدۇ؟

جاڭ چۈنشەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن سۆزلىرىنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئەينەن باسمىدى.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، كاتىپ يازغان تېكىستنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن باش ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەن ئورنىدىن تۇرۇپ، قول يۇيىدىغان جايغا قاراپ ماڭغان. مۇخبىرلار ئۇنى قورشىۋېلىپ سوئال سوراشقا باشلىغان. نۇر بەكرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم قالمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان كۆڭۈل ئاغرىقى ناھايىتى چوڭ، تەسىرى چوڭقۇر، بۇنى ساقايتىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك دېگەن.

جاڭ چۈنشەن بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئادەملەر ئىشسىز قالماسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سىياسەتلىرى خەلقنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىشى، خەلقنىڭ چاكىرى دېيىلگەن كىشىلەر خەلققە ياخشى خىزمەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشەن تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە يەنە، شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاساسى ناھايىتى ئاجىز، ھازىر خىزمەت ئىشلەش قېيىن دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئىنسانچىلىقتىن چەتنىگەن ئەھۋال بار، تارىختىن قالغان قېيىن مەسىلىلەرمۇ بار، جەنۇبتا ھازىر بەزى كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران مىڭ يۈەن. پەقەت تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتى بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ يەرلىك مالىيىسىگە 2 مىليارد يۈەن قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئەمدى خەلق تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىدىغان پۇل پەيدا بولدى، دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشەن ئوتتۇرا شەرقتىكىدەك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىدىغان ئىنقىلابلاردىن ساقلىنىش ھەققىدە توختالغاندا، ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئاللىقاچان ئىگە بولغان بولۇش. ئەگەر خەلق ئاممىسى بۇ دۆلەتنى قىزغىن سۆيىدىغان بولسىلا، ئىنقىلاب چىقىشتىن ساقلىنىش دېگەن شۇ. ۋەقە چىقسا ئىنتېرنېتنى تاقىۋالىدىغان تەدبىر قوللىنىش مەسىلىنى تېگىدىن ھەل قىلىدىغان چارە ئەمەس، دېگەن.

جاڭ چۈنشەن قىلغان سۆزلىرىدە خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە قارىلاشتىن ساقلىنىشقا تېرىشقان، پەقەت بىگۇناھ ئادەملەرنى قالايمىقان ئۆلتۈرىدىغان تېررورلۇق چىقسا، ھەر قانداق دۆلەتتە جازالىنىدۇ، بىزدىمۇ جازالىنىشى، قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك دېگەن.

جاڭ چۈنشەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى خىتاينىڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسى تۈنۈگۈن نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى. ئەمما «شىنجاڭ گېزىتى» جاڭ چۈنشەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئەينەن ئېلان قىلمىدى. بىز يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، جاڭ چۈنشەننىڭ ئېغزىدىن پەقەت «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز چىقمىدى. ئۇيغۇر دېيىشكە توغرا كەلگەندە «ھەر مىللەت خەلقى» دەپ ئاتىدى. مەسىلەن، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساددىلىقىنى تەسۋىرلىگەندىمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى بەك مېھماندوست، سەن ئۆيىگە بارساڭ، ھېچنېمە سورىمايلا ئالدى بىلەن سېنى 3 كۈن باقىدۇ، كېلىپ مېھمان بولۇڭلار دېدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىدا، ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، جاڭ چۈنشەنگە ھىيلىگەر، قۇيرۇقىنى قىسىۋالغان تۈلكە، قوي تېرىسىگە كىرىۋالغان بۆرە دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.